«ئاياللار، دىن ۋە يولباشچىلىق» پروگراممىسى ئاياللارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017.03.22
zubeyre-dunyawi-ishtirak-instituti.jpg ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسەدىن خانىم «دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتى» نىڭ ئىككى يىللىق تەربىيىلەش پروگراممىسىغا تاللانغان.
globalengage.org

«ئاياللار، دىن ۋە يولباشچىلىق» پروگراممىسىغا ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى زۇبەيرە خانىم تاللاندى.

ئامېرىكىدىكى «دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتى» دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىكى، بولۇپمۇ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى سەۋەبلىك زىددىيەت ئىچىدىكى رايونلاردىكى خەلقلەرگە ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن پائالىيەت قىلىدىغان بىر خەلقئارالىق ئورگان. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىم مانا بۇ ئورگاننىڭ ئىككى يىللىق تەربىيىلەش پروگراممىسىغا تاللانغان.

دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتى 2000-يىلى قۇرۇلغان بىر خەلقئارالىق ئورگان بولۇپ، بۇ ئورگان دىنىي ئەركىنلىكى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرگە ئۇلىشىش، ئۇلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش، تەربىيىلەش-يېتەكلەش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق دىنىي ئەركىنلىككە ئېھتىياج بولغان جايلاردا پائالىيەت كۆرسىتىدىغان بىر تەشكىلات. بۇ تەشكىلات دۇنيادىكى مۇشۇ خىل زىددىيەتلىك جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، دىنىي ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا ئاياللارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن «ئاياللار، دىن ۋە يولباشچىلىق» نامىدىكى بىر تەربىيىلەش پروگراممىسىنى يولغا قويۇپ كەلگەن. بۇ نۆۋەتلىك ئىككى يىللىق تەربىيىلەش پروگراممىسىغا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان ئىرق، ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنغا مەنسۇپ بولغان 8 ئايال كىشى تاللانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق لايىھىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمدۇر. زۇبەيرە خانىم ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ پروگراممىغا تاللىنىشىنى ئۇيغۇر داۋاسىنى مۇشۇنداق خەلقئارا ئورگانغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۆزىگە بېرىلگەن بىر پۇرسەت دېدى.

ئامېرىكىدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇيىسا گىرىۋ خانىم بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇنداق تەربىيىلەش پروگراممىلىرىنىڭ ئادەتتە بىر يىل بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ پروگراممىنىڭ ئىككى يىلدا ئاران 8 كىشى قوبۇل قىلىنىدىغان، ئۆز ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشكەن بىر تەربىيىلەش پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، «بۇ، دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىنى تونۇغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جۈملىدىن، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا زور رىقابەتلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ، زۇبەيرەگە ئوخشاش ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق داۋاسىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. مەنچە بۇ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى ئۈچۈن ئىجابىي بىر تونۇش» دەپ تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى بۇ «دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتى» نىڭ سەھىپىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئورگان دىنىي ئەركىنلىكى رىقابەتكە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە بىۋاسىتە ياردەم بېرىشتىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمەتلەرگە دىنىي بېسىمنىڭ رادىكاللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە دىنىي ئەركىنلىكنىڭ مۇقىملىق ۋە ئىناقلىق يارىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش، يەرلىك خەلقلەرنى ۋە شەخسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىش، دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ئۆز دىنىي ئەركىنلىكىنى ئىشلىتىش، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قىلىدىكەن. زۇيەيرە خانىم بۇ كۇرستىكى بىرىنچى دەرستىمۇ دىنىي ئەركىنلىكنىڭ دۇنيادا تىنچلىق يارىتىشتىكى ئەھمىيىتىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي بېسىم سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم ۋە كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن سىرت، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، «جامالىنى ئېچىپ، سۇمبۇل چاچلىرىنى لەپىلدىتىش گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» نامىدىكى ياغلىق چېگىشنى چەكلەش ھەرىكىتى ۋە شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ياش قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېشىنچى ئەمگەك كۈچى قاتارىدا ئەۋەتىش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭمۇ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ «قوش دەپسەندە قىلىش»قا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لۇيىسا خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، ھازىرقى مۇھىم مەسىلىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكىگە كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسەتلىرىدىن بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق كونترول قىلىش بولۇۋاتىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھېلىھەم شىنجاڭدا ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى ئۇيغۇر كىملىكىگە، پىكىر ئەركىنلىكىگە، ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش-خىتاي ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۇچراۋاتقان قوش بېسىمنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتلىرىنى بەجا كەلتۈرۈشىگىمۇ «دىنىي رادىكاللىق»قا باغلاپ زەربە بېرىۋاتقان ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە چېتىشلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بىر مەزگىلدە، يۇقىرىدىكى بۇ «دۇنياۋى ئىشتىراك ئىنستىتۇتى» نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئەھمىيەتلىك دەپ قاراشقا بولىدىكەن. تېخى يېقىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانى تېررورلۇققا ئائىت داۋالاردا يېتەرلىك ئىسپات بىلەن تەمىنلىمەيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق»قا كۈرىشىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.