دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر جەنۋەدىكى ب د ت شتابىدا چاقىرىلغان بىر قاتار يىغىنلارغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى ئاڭلاتماقتا.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش شتابىدىن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ 3 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر ئۆمىكى 29-نويابىردىن ئېتىبارەن ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.
دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى بۈگۈن ب د ت نىڭ بەزى يىغىنلىرىغا قاتناشقان. د ئۇ ق خادىملىرى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ۋە ب د ت ئالاھىدە خادىملىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان.
د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پېتېر ئىرۋىن ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى يىغىنلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتىنى پاش قىلىش جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجە قازاندۇق، دەپ ئويلايمەن. مەيلى ب د ت خادىملىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلاردا بولسۇن ياكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلەر داۋامىدا بولسۇن ۋە ياكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلەر جەريانىدا بولسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەردە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ھېسداشلىق قوزغىدۇق. ئەتىدىن باشلاپ ئاز سانلىقلار مۇنبىرى يىغىنىدا تېخىمۇ كۆپ پائالىيەت قىلىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ.»
د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئەتىدىن باشلاپ ب د ت دىكى «ئاز سانلىقلار مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت تېمىلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يەنە ئەتىكى يىغىندا بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى قازاق، قىرغىز قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىمۇ نۇقتىلىق كۈنتەرتىپكە ئەكېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00