دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ 19-فېۋرالدىن 23-فېۋرالغىچە فرانسىيىدە ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئۇلار داڭلىق ژۇرنال، گېزىت ھەم تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
بۇ سۆھبەت خاتىرىلىرى بۈگۈن ئېلان قىلىنغان. بۇلاردىن باشقا فرانسىيە ۋە بېلگىيىدىكى تۈركچە مەتبۇئاتلاردىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەڭ مۇھىمى فرانسىيىنىڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان «لېمونت» گېزىتىدە د ئۇ ق نىڭ پائالىيەتلىرىگە ئائىت ماقالىلەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى ناھايىتى خۇشال قىلغان. دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە تارقىتىلىۋاتقان مەركىزى پارىژدىكى «ئەللە» ژۇرنىلىمۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەزكۇر سۆھبەتكە بۇ قېتىملىق سانىدا ئورۇن بېرىلىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن سېيىت تۈمتۈرك بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.