د ئۇ ق گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3 پائالىيەت ئۈچۈن چاقىرىق ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

رامىزاننىڭ 1-كۈنى د ئۇ ق رەھبەرلىرى توربەت ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، 1988-يىلىدىكى 15-ئىيۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقىنى ئورتاق خاتىرىلەش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىكى شۇ قېتىملىق ھەرىكەتكە قاتناشقان سەپداشلارنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ميۇنخېن شەھىرىگە جەم بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.

چاقىرىقتا «بۇ يىل 1988-يىلىدىكى شانلىق ھەرىكەتنىڭ 30 يىللىق خاتىرە دەۋرى يېتىپ كەلدى. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بۇ ھەرىكەتنىڭ تىرىك شاھىتلىرى بۇ تارىخنى خاتىرىلەش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆلمەس ئىرادىسى، سۇنماس روھىنى نامايان قىلىش تەشەببۇسىدا بولماقتا.» دېيىلگەن. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق نىڭ «سەپداشلار ئۇچرىشىشى» چاقىرىقىدا ئەسكەرتىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا 1987-يىلى ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان «پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مىڭلىغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىللىي زۇلۇملىرىغا قارشى كوچىلارغا چىقىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى نامايىش 1985-يىلى 12-دېكابىر ئېلىپ بېرىلغان ئوقۇغۇچىلار نامايىشىدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك ھەرىكەت بولۇپ، زامانىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنى كۆپ ئالاقزادە قىلغان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولغان. نەتىجىدە، مەزكۇر ھەرىكەتنى قوزغىغان «پەن-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسى» نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، باش كاتىپ ۋارس ئابابەكرى قاتارلىق يېتەكچىلەر ئالىي مەكتەپتىن قوغلانغان، يەنە كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تەقسىماتىدا جازالانغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 15-ئىيۇن ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پائالىيەتكە ئەنەشۇ ھەرىكەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تېرىك شاھىتلىرىنىڭ داخىل بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدە 3 پائالىيەت بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭ بىرى، دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن «سەپداشلار» 15-ئىيۇن كۈنى روزا ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇيدىكەن ھەمدە نامازدىن كېيىن 1988-يىلىدىكى نامايىشنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شۇ كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ بارىدىكەن. ئىككىنچىسى، د ئۇ ق ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىنى «دۇنيا ئاناتىل كۈنى» قىلىپ بەلگىلىگەن بولۇپ، بارلىق «سەپداشلار» بۇ كۈننى بىرلىكتە خاتىرىلەيدىكەن. ئۈچىنچىسى، 1988-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ھەرىكەتنى خاتىرىلەش سۆھبەت پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ئىلى ۋە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەت توغرىلىق مۇھاكىمىلەر، مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىش پائالىيەتلىرىگە ھەممە ئورتاق قاتنىشىدىكەن. مەزكۇر پائالىيەتلەر 3 كۈن داۋاملىشىدىكەن.

بۇ پائالىيەتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغان د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى، د ئۇ ق يېڭى رەھبەرلىك ھەي´ئىتىنىڭ يېقىنقى ئالتە ئاي ئىچىدە ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، 6-ئاينىڭ 15-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىرلىكتە خىتاينىڭ «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 1988-يىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ شاھىتلىرىنىڭ 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئالغان پائالىيەتلەرگە داخىل بۆلىشى ئۈمىد قىلىنغان ھەمدە بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلىشنى خالىغان «سەپداشلار» نىڭ كېچىككەندە 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن ئىلگىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە ئۇچۇر بېرىشى لازىملىقى تەكىتلەنگەن.