د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى باشلاندى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ئۆتكەن يىلى چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنى بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرفېن شەھىرىدە 22-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن باشلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يىلدا ئىككى قېتىم ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى چاقىرىش ئىشى د ئۇ ق نىڭ نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ يىغىنلاردا ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەتلەر خۇلاسە قىلىنىش بىلەن بىرگە كەلگۈسى 6 ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن ھەمدە مۇھىم قارارلار ئېلىنىدىكەن.

نەق مەيداندىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزغا كۆرە، ئانتىۋېرفېن شەھىرىدە باشلانغان بۇ يىغىنغا ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەنگلىيە، شىۋېتسىيە، شۋېتسارىيە، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە قاتارلىق 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن د ئۇ ق رەھبەرلىرى ھەمدە د ئۇ ق تەركىبىدىكى ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن يەرلىك تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشقان. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.

د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ۋەكىللەرنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدىن بۇيانقى 5 ئايلىق خىزمەتلەر ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا د ئۇ ق نىڭ قىسقىغىنا 5 ئاي ئىچىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى، شىمالىي ئامېرىكا، تۈركىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ئېلىپ بارغان مۇھىم خىزمەتلىرىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يىغىندا قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى، د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقان 2017-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن بۈگۈنكى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى باشلانغان 2018-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە بولغان جەرياندىكى 5 ئايلىق خىزمەتلەرنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى يىغىن ئەھلىنىڭ دىققىتىگە سۇنغان.

دوكلاتتا ئورۇن ئالغان مەزمۇنلار 7 چوڭ تېما ئاستىدا بايان قىلىنغان بولۇپ، د ئۇ ق نىڭ بۇ 5 ئاي ئىچىدە مۇھاجىرلار مەسىلىسى ساھەسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا، ب د ت ۋە خەلقئارا يىغىنلاردا، ئامېرىكا ۋە كانادادا، تۈركىيەدە ۋە ياپونىيەدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش بويىچە ئېلىپ بارغان مۇھىم پائالىيەتلىرى ھەمدە خىزمەتلىرىنىڭ سانى يۈز قېتىمدىن ھالقىپ كەتكەن.

قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە توختالغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاينىڭ زۇلۇمى ئەۋجىگە چىققان بىر مەزگىلدە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىشنىڭ سەۋەبى ھەم ئەھمىيەتلىرىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى 2 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئەتىدىن باشلاپ قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى ھەرقايسى كومىتېتلارنىڭ كەلگۈسى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانلىرى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ قۇرۇلتاي ئىدارە ھەيئىتىنىڭ تەستىقىغا سۇنۇلىدىكەن.