د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىندى

0:00 / 0:00

23-ئاپرېل بېلگىيەنىڭ ئانتىۋېرفېن شەھىرىدە داۋاملاشقان د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ 2018-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئېلىپ بېرىشى پىلانلانغان خىزمەت لايىھىلىرى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ، چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىنىش كۈنتەرتىپكە قويۇلغان مەزمۇنلار ھەققىدە مۇھىم قارارلار قوبۇل قىلىندى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتايدا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 130 دىن ئارتۇق ۋەكىلنىڭ ئورتاق تەستىقى بىلەن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدە 19 كومىتېت تەسىس قىلىنغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مەزكۇر كومىتېتلاردا ۋەزىپە ئالغان رەھبەرلەرنىڭ ئۆتكەن ئالتە ئايلىق خىزمەت دوكلاتلىرى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان كومىتېت مەسئۇللىرى تەنقىدلەندى ۋە ئاكتىپ خىزمەتتە بولغان، نەتىجە ياراتقان كومىتېت مەسئۇللىرى تەقدىرلەندى.

بۇ يىغىنغا كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى بەختىيار بۆرە ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا دولقۇن ئەيسا رەھبەرلىكىدىكى د ئۇ ق نىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق تەركىبىدىكى كومىتېتلارنىڭ خىزمەت لايىھىلىرى ئىچىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ب د ت ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنىڭ پىلان-پروگراممىلىرى، د ئۇ ق تەركىبىدىكى تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈش ۋە كۆپەيتىشنىڭ رېئالنى لايىھىسى، د ئۇ ق تور تېلېۋىزىيىسى ۋە د ئۇ ق تەشۋىقاتىنى جانلاندۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى، نامسىز مەھبۇسلار ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئارخىپىنى توپلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك يوللىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى دەۋا سېپىگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى قاتارلىق كەڭ ساھەلەر ئورۇن ئالغان.

قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇر مۆتىۋەرلىرىدىن روزى مۇھەممەد ھاجىم، يىغىنغا بولغان رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى. قىرغىزىستاندىن كەلگەن دىلنارە خانىم بولسا، يىغىندا مۇزاكىرىگە قويۇلغان «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» توغرىسىدا توختالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا دىققەتنى چېكىدىغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» نى ئومۇملاشتۇرۇش پىلان-لايىھەسىنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈشىدۇر. بۇ پىلانغا كۆرە، 2018-يىلى 6-ئايدىن باشلاپ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان، يېشى 18 دىن ھالقىغان ھەربىر ئۇيغۇر ھەر ئايدا 1 دوللاردىن 5 دوللارغىچە «ئۇيغۇرلۇق بەدىلى» تاپشۇرىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق بۇ خىزمەتنىڭ كونكرېت چارە-تەدبىرلىرى ھەققىدە ئايرىم ئۇقتۇرۇش تارقىتىدىكەن ۋە بۇ لايىھىنىڭ ئامېرىكىدىن ياۋروپاغىچە، ئاسىيادىن ئاۋسترالىيەگىچە ئومۇملىشىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىكەن.

د ئۇ ق نىڭ ياپونىيە ۋە تىنچ ئوكيان رايونىغا مەسئۇل ۋاكالەتچىسى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ مەزمۇنى مول، ئەھمىيىتى زور، ئېلىنغان قارارلىرىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى يۇقىرى بىر يىغىن بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بۇ يىغىننىڭ ھازىرغا قەدەر د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلار ئىچىدە ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ مۇھىم بىر يىغىن بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن يىغىن بۈگۈن ئاخىرلاشقان. ئەمما يىغىندا مۇزاكىرە قىلىدىغان ۋە قارارغا باغلاشقا تېگىشلىك يەنە بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە ۋاقىت يېتىشمىگەنلىكى سەۋەبلىك، 26-ئاپرېل كۈنى يىغىن يەنە بىر كۈن داۋاملىشىدىكەن.