خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-ماي ئېلان قىلغان 2013-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ مەدەنىيەت، دىنىي، پىكىر قىلىش ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
د ئۇ ق خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە چاقىردى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى سىياسىي پائالىيەتچىلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە تور پائالىيەتچىلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىش، ئۇلارنى قورقۇتۇش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئىز -دېرەكسىز يوقىتىۋېتىشنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت كونتروللۇقى سىرتىدا دىنىي ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغان مۇسۇلمانلار، بۇددىستلار، خرىستىئانلار ۋە فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىغا تەن جازاسى بەرگەن ۋە پاراكەندىچىلىك سالغان، ئۇلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلغان ، تۈرمىگە تاشلىغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي، سىياسىي پائالىيىتىنى «قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت»، «بۆلگۈنچىلىك» دەپ جىنايى قىلمىش كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيەت كىملىكىنى تىنچ ئىپادىلىشىگە زەربە بېرىپ كەلگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، خىتاي ئەدلىيە سىستېمىسى، ئۆلۈم جازاسى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى، ئۆي مۈلك ھوقۇقى ۋە مەجبۇرى كۆچۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، 2012-يىلى خىتايدا يۈزلىگەن شەخس ۋە گۇرۇھلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى قوللانغانلىقى سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دائىرىلەرنىڭ «جىنايى ئىشلار داۋا قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، كىشىلەرنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش»، « دۆلەت ئامانلىقىغا تەھدىت سېلىش»، «ھاكىمىيەتكە قارشى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىش» قاتارلىق ئەيىبلەشلەر بىلەن مەھكۇم قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
بۇ غەرب كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرىنىڭ يېقىنقى يېرىم ئاي ئىچىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك خاتىرىسىنى تەنقىد قىلىپ ئېلان قىلغان 4-دوكلاتى. يېقىندا ئەركىنلىك سارىيى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى قاتارلىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلغان. بىراق ،خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ۋە ئۇيغۇر، تىبەت سىياسىتىنى ئاقلىغان ئىدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ت. كۈمارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىپادە ئەركىنلىكى داۋاملىق قاتتىق چەكلىنىپ كەلگەن. «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» ۋە «تېررورلۇق» ئۇقۇمى مۈجمەللەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىك مەزمۇنىدىكى ماتېرىيال، ئەسەرلەرنى تارقىتىشمۇ بۇ كاتېگورىيىگە كىرگۈزۈلۈپ باستۇرۇلۇپ كەلگەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خىتايغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.
ئۇ: ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىككى دىئالوگى بار. بىرى،«ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى»، ئۇلار ھەر يىلى ئۆتكۈزىلىدۇ. يەنە بىرى، «ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي-ئىستراتېگىيە دىئالوگى». بىز نەچچە يىلدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئايرىپ قارىماسلىق، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگىنى بىرلەشتۈرۈشكە چاقىرىپ كەلدۇق. كىشىلىك ھوقۇق ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيە دىئالوگى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەندىلا خىتايغا تېگىشلىك سىگنال بېرىلىدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئەل. ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىن بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ. شۇ نەرسە رېئاللىقكى، ئامېرىكا خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان بىردىن -بىر دۆلەت، دەيدۇ.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى، دىنىي پائالىيەتچىلەرنى باستۇرۇپ كەلگەنلىكى، تۇتقۇنلارغا تەن جازاسى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، بەزى تۇتقۇنلارنىڭ ئىز دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا بۇنىڭغا مىسال قىلىپ، 2009-يىلى كامبودژا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ 16 نەپىرى 1-ئايدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، 5-ئايدا 9 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» كە قاتناشقان، دەپ 6 يىلدىن 15 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغا بۇيرۇلغانلىقىنى، 6-ئايدا 11 ياشلىق مىرزاھىد شەھيارىنىڭ دىنىي مەكتەپكە بارغان دەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، سولاقخانىدا ئۆلگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.
دوكلاتتا يەنە، «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دە غايىب بولغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ 16 ياش ئىكەنلىكى، پەرزەنتى يوقاپ كەتكەن نەچچە ئون ئائىلە بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ مىسال قىلىپ، ئىماممەت ئەلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلامنىڭ ھازىرغا قەدەر ئوغلىنى ئىزدەۋاتقانلىقى، دائىرىلەر 2009-يىلى 14-ئىيۇل كۈنى تۇتۇپ كېتىپ، يوقاپ كەتكەن ئىماممەت ئەلىنىڭ شۇ چاغدا 25 ياشتا ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتكەن.
ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋاب بېرىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بىراق، خىتاي ھۆكۈمىتى غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ھۆكۈمىتىنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىشكە چاقىرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى قايتىدىن ئويلىشىپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا خىتايغا ساۋاق بېرىش يولىنى ئەمەس، مەجبۇرلاش يولىنى تۇتۇشى كېرەك.
ت. كۇمار مۇنداق دەيدۇ: ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىدە ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى بار. شۇڭا ئۇ ساۋاق بېرىشنى ئەمەس، ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىش يولىنى تۇتۇشى كېرەك. بۇ دېگەنلىك باشقا بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە مەسئۇلىيىتى يوق، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلار ئۆزىگە تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. بىراق، بىز خىتاي مەسىلىسىگە كەلسەك، ئامېرىكا چوقۇم يېتەكچىلىك رول ئوينىشى لازىم. بۇ خىتايغا ساۋاق بېرىش مەسىلىسى ئەمەس. بۇ ئۇنىڭ خەلقئارا بىردەك ئېتىراپ قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش مەسىلىسى.