بۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنىدا خىتاي ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سۆز قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان. يىغىندا خىتاينى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىلى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئاخىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 3 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلانغان. ئىككى گۇرۇپپا ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش داۋامىدا كۇبا ۋەكىلى خىتاينى قوللاپ سۆز ھەققى تەلەپ قىلغاندا، ب د ت زالىدا پاراقلاپ مەسخىرە كۈلكىسى ياڭرىغان. يىغىن ئاخىرىدا كۆپلىگەن دۆلەت ۋەكىللىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىندىكى سۆز ۋە پوزىتسىيىسىنى مەدھىيىلىگەن ۋە تەبرىكلىگەن.
مۇخبىر: دولقۇن ئەپەندى ئاڭلىساق، ھازىر جەنۋەدە ئىكەنسىلەر، ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى تېمىسىدىكى يىغىنىغا قاتنىشىۋېتىپسىلەر؛ بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ خىتاي بىلەن ئاراڭلاردا يەنە تالاش-تارتىشلار بوپتۇ؛ بۈگۈنكى بۇ تالاش-تارتىشتا ئەڭ كەسكىن ۋە ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر نۇقتا قايسىلار؟
دولقۇن ئەيسا: شۇنداق، ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىدۇق. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتاي باياناتچىسى ئالىم سېيىتوف سۆز قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ سۆزى باشلىنار-باشلانمايلا، خىتاي ئۆكتى قوپتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۆلگۈنچى بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى تېررورچى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى، خىتاي دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىزگە سۆز بېرىلمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىر: خىتاينىڭ بۇ پىكرىنى قايسى دۆلەتلەر قوللىدى؟
دولقۇن ئەيسا: ئالدى بىلەن پاكىستان، ئۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيە ۋە ۋىنسۇئىللا ئاخىرىدا كۇبا. بۇلار خىتاينى قوللاپ سۆز قىلغاندىن كېيىن ئامېرىكا ۋەكىلى سۆزگە چىقىپ، ب د ت دا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بولغان ھەرقانداق بىر مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ سۆزلەش ھەققى بارلىقىنى تەكىتلەپ، بىزنىڭ سۆزىمىزنىڭ داۋاملىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى؛ ئامېرىكىنىڭ بۇ سۆزىنى، فىرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە شىۋىتسارىيە ۋەكىللىرى قوللاپ پىكىر بايان قىلىشتى. نەتىجىدە يىغىن رىياسەتچىسى بىزگە سۆزىمىزنى داۋام قىلىشقا رۇخسەت بەردى. ئالىم سۆزىدە شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى بايان قىلغان ھامان، خىتاي يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى تىلغا ئېلىشنىڭ بۆلگۈنچىلىك ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئەھدىنامىلىرىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ بۇ قارشىلىقىمۇ ئاقمىدى، ئالىم سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .
مۇخبىر: دېمەك خىتاي، بىرىنچى قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا، ئىككىنچى قېتىم شەرقى تۈركىستان دېگەن نامغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، سىلەرنى سۆزدىن توختاتماقچى بولدى؟
دولقۇن ئەيسا: شۇنداق؛ ئەمما خىتاي بۇ قېتىممۇ مۇۋەپپەق بولالمىدى؛ ھەتتا مەسخىرىگە قالدى. يىغىندا كۇبا ۋەكىلى خىتاينى قوللاپ قول كۆتۇرىۋېدى، پۈتۈن زالدا پاراققىدە كۆلكە كۆتۈرۈلدى؛ خىتاي ئوسال ئەھۋالغا چۈشتى.
مۇخبىر: دېمەك، خىتاينى قوللىغۇچى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە مەسىلىلىرى بولۇشى، بولۇپمۇ كۇبانىڭ خىتاينى قوللاپ سۆز تەلەپ قىلىشى ۋە خىتاي ۋە تەرەپدارلىرىنى مەسخىرىگە قويدى دېگەن گەپ؟
دولقۇن ئەيسا: شۇنداق. ئاخىرى ئالىم نۇتقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى؛ ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن قاتناشچىلىرى بىزنى كېلىپ تەبرىكلىدى.
مۇخبىر: سۆز پۇرسىتى بەكلا قىسقا ئىكەن، قايسى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇڭلار؟
دولقۇن ئەيسا: بۇ ھەقتە ئالىم ئۆزى مەلۇمات بەرسۇن، تېلېفوننى بېرەي.
مۇخبىر: ئالىم ئەپەندى، يىغىندا سۆز مۇددىتى بەك قىسقا ئىكەن نېمىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدىڭىز؟
ئالىم سېيىتوف: يىغىندىكى ئاساسلىق تېمىلاردىن بىرى، مىللەتلەرنىڭ دىنىي ھوقۇقى مەسىلىسى بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ۋە باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدۇق ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان كىملىكىنى تېررورغا قارشى كۈرەشتە سۇيىئىستېمال قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بايان قىلدۇق.
مۇخبىر: سۆزىڭىزنىڭ ئىككى قېتىم كېسىۋېتىلىشى يىغىندا ئېرىشمەكچى بولغان نەتىجەڭلەرگە نىسبەتەن ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتىمۇ، سەلبىيمۇ؟
ئالىم سېيىتوف : ئەلۋەتتە ئىجابىي. يىغىندا بىزگە ئوخشاش ئەھۋالدىكى 20 نەچچە مىللەت ۋەكىللىرىگە سۆز بېرىلدى؛ ئۇلارنىڭ سۆزىنى ھېچكىم كەسمىدى؛ مۇنازىرىمۇ بوپ كەتمىدى؛ بىزنىڭ سۆزىمىزنى كېسىش بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى تالاش-تارتىش 20 مىنۇتتىن ئاشتى. بىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە دىققەتلەر مەركەزلەشتى، ۋەزىيىتىمىزنىڭ جىددىيلىكى ھېس قىلىندى.
يۇقىرىدا ب د ت يىغىنىدا خىتاي ۋەكىللەر بىلەن ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ يەنە ئۆز - ئارا تىركەشكەنلىكى ۋە خىتاي تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ مەسخىرىگە قالغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلاتتۇق.