ب د ت دە ئۇيغۇر ۋەكىللەر ھەمكارلىشىش يوللىرى ئىزدىدى

0:00 / 0:00

26-27-نويابىر كۈنلىرى جەنۋەدە ئېچىلغان ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنى جەريانىدا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە ئۇيغۇر ئامېرىكا ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىپ بەزى دۆلەتلەر ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىدى.

يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 27-نويابىر كۈنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتىغا ئوخشاش كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ كېلەر يىلى 3-ئايدا ب د ت دە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنغىچە بولغان ئارىلىقتا، خىتايغا قارشى قانداق ھەمكارلىقلار ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. 2014-يىلى 3-ئايدا ب د ت دە بۇ يىل 22-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئومۇمىي يۈزلۈك تەكشۈرۈش يىغىنىنى باھالاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن. بۇ يىغىندا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى باھالىنىدىكەن. بۇ يىغىنغىچە بولغان ئارىلىقتا تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر ۋەكىللەر بۈگۈن بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان.

26-نويابىر كۈنى باشلانغان ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى يىغىنىدا خىتاينى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللىغۇچى دۆلەتلەر ۋەكىللىرى ئارىسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئاخىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 3 مىنۇتلۇق سۆز قىلىش ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلانغان ئىدى.

بىز بۈگۈنكى پائالىيەتلەر شۇنداقلا ب د ت دىكى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تەسىرى توغرىسىدا كۆز قاراشلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق ۋەكىللىرىدىن دولقۇن ئەيسا ۋە ئالىم سېيىتوفلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇلار، بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.