د ئۇ ق ھەرقايسى ئەللەردە زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

0:00 / 0:00

بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ ھەرقايسى ئەللەردە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قانلىق باستۇرۇشلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان چېكىدىن ئاشقانلىقىنى، بۇنىڭغا نىسبەتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 10-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە بولغان ئۈچ كۈن ئىچىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرىدىكەن. ھەرقايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۇسۇلى بىلەن كۈچ كۆرسىتىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەزكۇر باياناتىدا ئۆتكەن 9 ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدا 30 قېتىمدىن ئارتۇق قانلىق ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكى، بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورچىلىق» قا قارشى تۇرۇش ۋىۋىسكىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە دۇنياۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەرنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئۆز ئالدىغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلىپ بارغان جىددىي مۇزاكىرىسى ۋە قارارلىرى شۇنداقلا كەلگۈسى ئۈچ كۈن ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.