دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن تايلاند باش ۋەزىرىنىڭ ياپونىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
9-فېۋرال دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە پارلامېنتتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نامىدىن يازما دوكلات يوللاپ،ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تايلاند باش ۋەزىرى پرايۇتنى تايلاندتا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
تايلاند باش ۋەزىرى پرايۇت ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 8-فېۋرالدىن 10-فېۋرالغا قەدەر توكيودا زىيارەتتە بولغان.
دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 9-فېۋرال ياپونىيە پارلامېنتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا تايالاندتىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم ھالدا يازما دوكلات تاپشۇرۇلغان.
نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.