دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشلىق قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى.
د ئۇ ق نىڭ يېڭى يىللىق تۇنجى خەلقئارالىق پائالىيىتى ياۋروپا پارلامېنتىدا باشلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق 2018-يىللىق خىزمەت پىلانىدا ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلەرنى ئالدىنقى كۈنتەرتىپكە تىزغان. قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى باشلىق بىر گۇرۇپپا كىشى 9-يانۋار بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كېلىپ، 10-يانۋاردىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بىريۇسسېلدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 10-يانۋار كۈنى ئۇ ئالدى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فابىئو كاستالدو ئەپەندى بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. ئاندىن ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ھېلگا ترۈپېل خانىم ۋە پارلامېنت ئەزاسى ئىلخان كۈچۈك ئەپەندىلەر بىلەنمۇ ئايرىم ئايرىم سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۇچراشقان بۇ پارلامېنت ئەزالىرى 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرى ئىكەن.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتىدا 4 كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ ئىكەن. د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۆزلىرى ئۇچراشقان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن تەپسىلىي مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، نۆۋەتتە جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا پارلامېنت ئەزالىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. بولۇپمۇ، تايلاند، مالايشىيا، بۇلغارىيە، تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىيىن ۋەزىيەتتە قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ جىددىي چارە-تەدبىر قوللىنىشىنى ئىلتىماس قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى تۇتقۇنلار لاگېرلىرى مەسىلىسىمۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولغان. د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەمەلىي مىساللىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۇ «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» نى ئەينى زاماندىكى ناتسىست گېرمانىيەسىنىڭ يەھۇدىيلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئوخشىتىپ تەسۋىرلىگەنلىكى ۋە ھەربىر يۇرتتىن قانچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ بۇ لاگېردا مېڭە يۇيۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىق مەسىلىسى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىغانلىقى ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە دەرھال بىر ئىش قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلەشكەنلىكلىرىنى تىلغا ئالدى.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» ھەققىدە توختالغاندا، پارلامېنت ئەزالىرىغا بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي چۈشەنچىلەر بېرىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ خىتاينىڭ بۇ ۋەھشىيلىكلىرىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال بىر قارار قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدىكى ئائىلە-تاۋابىئات لىرى بىلەن بولغان خەت-ئالاقە ۋە تېلېفون ئالاقىسىنىڭ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇنىڭغا جىددىي ئىنكاس بىلدۈرۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشى ۋە مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختالغان.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياۋروپا پارلامېنتىدا 11-يانۋار كۈنى يەنە بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن بولۇپ، پارلامېنت ئەزاسى لاستو تۈركەش، ئىگنازىئو كاررائو ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خادىملىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن. بۇ ھەقتە كېلەر قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00