پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-07-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بېيجىڭغا خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشقىلى بارغاندا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىدە سۆھبەتتە. 2012-يىلى، بېيجىڭ.
پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بېيجىڭغا خەلقئارالىق يىغىنغا قاتناشقىلى بارغاندا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ ئۆيىدە سۆھبەتتە. 2012-يىلى، بېيجىڭ.
Proféssor Éllyot Spérling ependi teminligen

«ئىلھام توختى مېنىڭ يېقىم دوستۇم ئىدى!»

ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئاراغا تونۇلغان تىبەتشۇناس پروفېسسورى ئېلليوت سپېرلىڭ ھايات ۋاقتىدا خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيسى تاڭ دەنخوڭ بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولغان ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختالغان. يېقىندا تاڭ دەنخوڭ رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ قېتىمقى سۆھبەت ھەمدە باشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان «ئېلليوت سپېرلىڭ» دېگەن ئىسىم ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈرۈمچىدە مەڭگۈلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرگە ئاكتىپ ئاۋاز ھەمدە كۈچ قوشتى. ئىلھام توختىغا «مارتىن ئەننالس مۇكاپاتى» بېرىلگەندىن كېيىن بولسا خەلقئارادىكى ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا دېگۈدەك ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.

ھالبۇكى بۇ ئىسىم ئۇيغۇرلارغا ئەمدىلەتىن تونۇلۇشقا باشلىغاندا يەنى بۇ يىل 29-يانۋاردا پېنسىيەگە چىققىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغان بۇ كىشى نيو يورك شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېتىۋالغان تۇرالغۇسىدا يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن بىز بىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالاشتى. شۇ چاغدا ئۇ 66 ياشتا ئىدى.

لېكىن ئېلليوت سپېرلىڭ ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىسى ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىدۇر. ئۇ ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي نيۇ يورك شەھىرىدىكى ئەڭ بازارلىق تورلاردىن «كۈندىلىك جاندارلار» تورى خىتاي مەسىلىلىرى بويىچە تونۇلغان مۇتەخەسسىس گوردون چاڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي نەتىجىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى. شۇ قېتىمقى سۆھبەتتە پروفېسسور سپېرلىڭ ھەققىدىكى بايانلارنىڭ باش قىسمىدا بېرىلگەن مۇنۇ مەزمۇنلار ئاڭلىغۇچىلارغا ئۇنىڭ ھاياتى ھەققىدە ئىخچام ئۇچۇر بېرىدۇ:

«مەن جون بەتچېلور ھازىر ‹كۈندىلىك جاندارلار› دىن سۆزلەۋاتىمەن. ئەمدىكى پروگراممىمىز ئالەمدىن ئۆتكەن شەخسلەرنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلىمىگە يۆتكىلىدۇ. بۈگۈن بىز ئېلليوت سپېرلىڭ ھەققىدە سۆھبەتتە بولىمىز. ئۇ 1951-يىلى يانۋار ئېيىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 2017-يىلى يانۋار ئېيىدا ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغان. بۇ مەشھۇر ئالىم ھەممىدىن بەكرەك تىبەتشۇناسلىقتا ھەمدە تىبەت-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. ئۇ يەنە مەشھۇر ماك ئارتۇر مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى. ئۇ ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى. قېنى ئەمىسە، گوردون ئەپەندى، ئۆزىڭىزنىڭ ئېلليوت سپېرلىڭ ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرىڭىزنى بىز بىلەن ئورتاقلاشسىڭىز!

ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ۋاپاتى يالغۇز تىبەتلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ بىر زور يوقىتىش بولدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتى ئامېرىكىلىقلارغا ۋە باشقىلارغا تىبەتلەرنىڭ بەختسىزلىكىنى، شۇنداقلا تىبەت تارىخىنى ھەمدە مول مەزمۇنلۇق تىبەت مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشقا بېغىشلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇشتۇمتۇت كېتىپ قېلىشى ھەممىمىزنى بەكمۇ چۆچۈتۈۋەتتى.»

مەرھۇم پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ ھايات ۋاقتىدا خىتاي يازغۇچىسى تاڭ دەنخوڭ خانىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى يېزىقچىلىق پىلانى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن سۆھبەتتە بولغان ھەمدە سۆھبەتتىن سىن خاتىرىسى قالدۇرغان. ئۇ يېقىندا مەرھۇم ئېلليوت سپېرلىڭنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆزى سىنغا ئالغان سۆھبەت خاتىرىسىنى بىزگە تەقدىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن مەرھۇمنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقان، ئەمما مەتبۇئاتلاردا كۆزگە چېلىقمايدىغان بەزى بايانلىرى بىزگە ئايان بولدى.

ئۇلارنىڭ سۆھبىتى تەبىئىي رەۋىشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن باشلانغان. پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزىنىڭ گەرچە خاس ئۇيغۇرشۇناس مۇتەخەسسىس بولمىسىمۇ، كەسپىي خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن خىتايغا خەلقئارالىق يىغىنلارغا ۋە ئىلمىي تەكشۈرۈشكە بېرىش جەريانىدا تىبەتلەرگە قوشنا بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە تونۇشقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق ئىلھام توختى بىلەن دوستلاشقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:
«مەن خىتايدىكى مىللەتلەر سىياسىتىگە ھەمدە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەھۋالىغا بەكمۇ قىزىقىدىغان بولساممۇ، ئۆزۈمنى ‹شىنجاڭ مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى› دەپ ئېيتالمايمەن. ئەمما ئىلھام توختى بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر شەخس. بەلكىم ئىلھامنىڭ ھېلىقى تور بېتىنى سىزمۇ كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. ‹ئۇيغۇربىز› تورى بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر تور بەت بولغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭغا دائىر كۆپلىگەن ماتېرىياللارنى، شۇنىڭدەك شىنجاڭدا ھازىرنىڭ ئۆزىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى بىز شۇ توربەتتىن بىلىپ تۇراتتۇق. تىبەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە باشقا توربەتلەردىن كۆپلىگەن ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە مۇمكىن بولغاندەك ئىلھامنىڭ تور بېتى مۇشۇنداق بىر شارائىتنى ياراتقان ئىدى. شۇڭا ئىلھامنىڭ تور بېتى ئۇيغۇرلار ۋە شىنجاڭ رايونىدىكى مەسىلىلەرنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەكمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى. ئىلھام ھەققىدىكى ئىشلار 2009-يىللاردىن باشلاپ مېنىڭ دىققىتىمنى تارتىشقا باشلىدى. بۇ ئىلھام توختى نەزەربەندكە ۋە تەقىبگە ئۇچراۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەن. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ نەدىلىكىنىمۇ تېخى كىشىلەر ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەندۇق. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھاللا شۇ ۋاقىتتىكى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىش مۇراجەتنامىسىغا ئىمزا قويدۇم. 2012-يىلىغا كەلگەندە مەن ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە تونۇشتۇم ۋە دەرقەمدە بولۇپ سۆھبەتلەشتىم. شۇنىڭ بىلەن بىز دوست بولدۇق. مەن ئۇنى ئامېرىكىغا كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم. يەنى ئۇنى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا كېلىپ بىر يىللىق زىيارەتچى ئالىم بولۇشقا تەكلىپ قىلدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ بېيجىڭ ئايرودرومىدا قولغا ئېلىندى ۋە چېگرادىن چىقىشى مەنئى قىلىندى. كېيىنچە قاماققا ھۆكۈم قىلىندى.»

ئەمما بۇ دوستلۇق ئۈچۈن ئۇ كۆپ بەدەل تۆلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كېيىنكى ئەمەلىيەت ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقىنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا پۇرسەت بەرمىدى: شۇنىڭدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى باش ئەلچىخانىسىدىن ئېلليوت سپېرلىڭ خىتايغا بېرىش ۋىزىسى ئېلىپ بېيجىڭ ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەندە ئايرودروم ساقچىلىرى ئۇنىڭ ۋىزىسىنى نەق مەيداندىلا بىكار قىلىۋېتىپ ئۇنى كەلگەن ئايروپىلان بىلەن ئامېرىكىغا قايتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتى ئىچىدىكى ئىلمىي خادىملارغىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەللەردىكى ئالىملارغىمۇ سوغۇق قولىنى ئۇزىتىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

شۇنىڭدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىدىكى «يېڭى جاندارلار» تور بېكىتى خىتايشۇناس يازغۇچى گوردون چاڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، پروفېسسور سپېرلىڭ بىلەن ئۇنىڭ بېيجىڭ سەپىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن. شۇ قېتىم ئېلليوت سپېرلىڭ ئۆز ۋىزىسىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى قاتارىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن ئىلھام ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ داۋام قىلىشىدىن، بۇ ئالاقىنىڭ بولسا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تېمىنىڭ خەلقئارادا تېخىمۇ زور تەسىر قوزغىشىدىن تولىمۇ راھەتسىز بولغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئىلھام توختى بىلەن دوستلاشقاندىن كېيىن شۇنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىقلارنىڭ بەزى تەپسىلاتلىرىدىن ۋاقىپ بولدۇم ھەمدە بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللارغا بەكمۇ قىزىقىپ قالدىم. ئىلگىرى مەن ئىلھام توغرىلىق ھېچنەرسە بىلمەيتتىم. ئەمما ئاشۇ ئىككى يىللىق ئالاقە ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە تونۇشلۇققا ئېگە بولدۇم ھەمدە ئۇنى چۈشەندىم. مېنىڭچە شۇ ۋاقىتلاردا نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئىلھام توختى توغرىلىق يازغانلىرىم ھەمدە ئۇنى قوللىشىم شۇ ۋاقىتلاردىكى خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. چۈنكى ئىلھام توختى 2009-يىلى يازدا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دە غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزدەك سورىقىنى ھۆكۈمەتتىن توختىماستىن سۈرۈشتە قىلدى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى چەتكە قېقىش ھەرىكىتىنى تەنقىدلىدى. تىبەتلەر ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى دۇنياۋى ئوبرازىدىن ھەمدە خەلقئارادىكى تىبەتلەرگە دائىر كەڭ مىقياسلىق قىزىقىشتىن پايدىلىنىپ خىتاينى تەنقىدلىگەندە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتىكى مەزمۇنلارغا چىشىنى چىشلەپ سەۋرى قىلىدۇ. ئەمما ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە تىبەتلەردەك شارائىتقا ئېگە بولمىغاچقا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق نارازىلىق ھەرىكىتىنى خىتاي دائىرىلىرى دەرھاللا ئىسلام تېررورلۇقى بىلەن باغلايدۇ.»

ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پروفېسسور ئېلليوت سپېرلىڭ بىلەن ئىلھام توختىنىڭ دوستلۇقى كېسىپ تاشلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئارقىلىق ئىلھام توختىنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يەكلىنىش ئەھۋالىنىڭ تاشقى دۇنياغا ئاڭلىتىلىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولدى. ئەمما ئۇيغۇرلاردىكى «كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولماس» دېگەن ئاتىلار سۆزىدە ئېيتىلغاندەك بۇنىڭ بىر بىھۇدە ئۇرۇنۇش بولغانلىقى تېزلا ئايان بولدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت