ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىشىپ لوندوندا ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇردى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

3-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندوندا چاقىرىلغان يىغىنغا لوندوندىكى ئۇيغۇرلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ نىزامنامىسى بېكىتىلىپ، 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى.بۇ ھەيئەت تەشكىلاتنى كوللېكتىپ باشقۇرۇشنى زىممىسىگە ئالغان.

7 كىشىدىن تەركىب تاپقان باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرى نىزامىدىن سەمەت، رەھىمە مەخمۇت، ئەنۋەر توختى، كېرەم زاھىر، ماھىرە ئەيسا، مەخمۇت تۇردى ۋە شۆھرەت ئەيسابايېف قاتارلىق كىشىلەردىن ئىبارەت. بۇ ھەقتە دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل كېرەم زاھىر ئەپەندى مەلۇمات بەردى.

نىزامىدىن سەمەت ئەپەندى بۇرۇنمۇ لوندوندا بەزى پائالىيەتلەر بولۇۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن پائالىيەتلەرنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى بىلەن لوندوندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇرۇن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار كۆپرەك سەنئەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغان ئىكەن، كېرىم زاھىر ئەپەندى بۇ قېتىم مۇھىم بىر تەشكىلاتنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

لوندوندا بۇرۇندىن تارتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مەزكۇر پائالىيەتلەرنى كۆپرەك بىر قانچە كىشىلا ئۆز زىممىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. لوندوندىكى پائالىيەتلەر كۆپرەك ئەدەبىيات-سەنئەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان. كېرەم زاھىر ئەپەندى يېقىندىن بېرى لوندونغا كېلىپ يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىغا ئاۋاز قوشىدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭمۇ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

كېرەم زاھىر ئەپەندى ئەنگلىيەنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتەلەيدىغان ۋە دېموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى، كېلەچەكتە ئۇنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئوخشاش ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ مۇھىم مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

باشقۇرۇش ھەيئىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن ماھىرە ئەيسا خانىم ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن لوندوندا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى توغرىسىدىمۇ كۆپلەپ پائالىيەت ئۇيۇشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

رەھىمە مەخمۇت خانىم ئۇزۇن يىللاردىن بېرى لوندوندا ئەدەبىيات -سەنئەت ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ كېلىۋاتقان كىشىلەردىن بىرى. ئۇ لوندوندا ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولغان بىلەن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىن دەۋانىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنگلىيەدە 2012-يىلىدا بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن توختاپ قالغان. بۇ قېتىمقىسى ئەنگلىيەدە ئىككىنچى قېتىم قۇرۇلغان ئۇيغۇر تەشكىلاتى ھېسابلىنىدىكەن.