ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدىمۇ گۇۋاھلىق بېرىلدى

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 18-كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا «ئەڭ قاراڭغۇ مىنۇتلار» ماۋزۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتىمۇ ئاڭلىتىلدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ ئەزاسى فىئونا برۇكې خانىم بىلەن ئەنگلىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە يازغۇچى بېنېدېكت روگېرس ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتاي ۋىيېتنامدىن تۇتۇپ كېتىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ۋاڭ بىڭجاڭنىڭ ئاكىسى بىلەن تەيۋەنلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لى مىڭچىنىڭ ئايالى گۇۋاھلىق بەرگەن.

بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا لوندوندىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى راھىمە مەخمۇت خانىم بىلەن «خىتايغا ياردەم» فوندىنىڭ رەئىسى بولۇپ فۇ ئەپەندى گۇۋاھلىق بەرگەن. رەھىمە مەخمۇت خانىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن باش شتابى ئامېرىكىدىكى «خىتايغا ياردەم» فوندىنىڭ رەئىسى بولۇپ فۇ ئەپەندى خىتايدىكى دىنىي بېسىم توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگەن. رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوب فۇ ئەپەندى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئېغىر دەرىجىدىكى دىنىي چەكلىمىلەر، ئاتالمىش «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» توغرىسىدا 15 مىنۇتتەك مەلۇمات بەرگەن.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدىن تارتىپ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركىزى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە چەتئەلدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭمۇ ئاتا-ئانىلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بار ئىكەن. ئۇيغۇر پائالىيەتچى رەھىمە مەخمۇت خانىم 18-ئاپرېلدا ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

راھىمە مەخمۇت خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە پارلامېنتتىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىسسىيونىنىڭ بۈگۈنكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرىدا چۈشكەن پىكىرلەرنى رەتلەپ ۋە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، ئەنگلىيە پارلامېنتىغا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەنگلىيە پارلامېنتىدا 2016-يىلىدىن تارتىپ «ئەڭ قاراڭغۇ مىنۇتلار» تېمىسىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇر ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەر توختى ئەپەندى «ئەڭ قاراڭغۇ مىنۇتلار» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىكەن.