ئىستانبۇلدا ئېچىلغان ئەنجان قەتلىئامىنى خاتىرىلەش يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

2013-يىلى 11-ماي شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا، ئۆزبېكلەر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدا ئەنجان قەتلىئامىنىڭ 8-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئۆزبېكىستان نامدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىندا ئۆزبېكلەرگە قېرىنداش خەلق بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بېسىمى ئاستىدا زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى ۋە ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقىنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئورتاق ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بۇنىڭدىن 8 يىل ئىلگىرى يەنى 2007-يىلى ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كېرىموفنىڭ ئەنجان رايونىدا ئېلىپ بارغان قەتلىئامىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان 2-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىنغا، ئۆزبەكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ناماز نۇرمۆمىن، ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى تۈركىيە مەسئۇلى ئەلىبەي يولياخشى، ئەنگىلىيەنىڭ ئۆزبېكىستاندا خىزمەت ئىشلىگەن سابىق باش ئەلچى ۋە « سەمەرقەنتتە ئۆلۈم » دېگەن روماننىڭ يازغۇچىسى جراگ مۇرراي، فەرغانە ئاخباراتىنىڭ تەھرىرى دانىل كىسلوف، ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئادەم چەۋىك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ۋە ئىمكان دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئۆزەر، يېڭى ئاقىت گېزىتىنىڭ ئوبزۇرچىسى ئابدۇراھمان دىلىپاك قاتارلىق مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.

يىغىنغا ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئادەم چەۋىك ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ رەئىس ۋەكىلى ناماز نۇرمۆمىن ئەپەندى ئېچلىش نۇتىقى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:
ئەنجان ۋەقەسىدە توپلانغان خەلق ئۇيەردىكى بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، ئۇلار پەقەت ئىنسان ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى، بۇ ۋەقەمۇ خۇددى 2005-يىلىدا يۈز بەرگەن جورجىيە، ئوكرائىنا ۋە قىرغىزىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ۋە ھازىر خۇددى ئەرەب باھارىدا بولغانغا ئوخشاش بىر باھار ۋەزىيىتى ئىدى. بۇ ۋەقە كېرىموف دىكتاتورى تەرىپىدىن، ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئۆزبېكىستاندا بىر ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خەلققە قارشى ھازىرلانغان سۇيىقەست قەتلىئامىدۇر. بۇ قەتلىئامدىن كېيىن ئۇ يەرگە ئاخباراتچىلار كىرگۈزۈلمىدى. بۇ ۋەقەنى دۇنيا جامائىتىدىن يوشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ يەرگە ھېچقانداق ئاخباراتچىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. بۇمۇ كېرىموف دىكتاتورىنىڭ جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر.

ئەنجان ۋەقەسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ 3 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن نۇرمۆمىن ئەپەندى، ئىسلام كېرىموف دىكتاتورىلىقىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ دەسلەپتە 30، 40 دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى، كېيىنچە، خەلقئارا بېسىمنىڭ نەتىجىسىدە 700 گە يېقىن كىشى دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزبېكىستان خەلقىنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ قەتلىئامدىن كېيىنكى ۋەزىيەتتە كېرىموفنىڭ بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمىغانلىقىنى تىلىغا ئالغان نۇرمۆمىن ئەپەندى، كېرىموف ئۇ يەردە ئىسلام تېررورچىلىرى بار دېگەن سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ھالبۇكى ئۇ يەرگە توپلانغان جامائەت ھېچقانداق بىر ئىسلامى ھەرىكەتنىڭ ۋەكىللىرى ئەمەس ئىدى، دېدى.

يىغىندا، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان سۆز قىلىپ، ئەنجان ۋەقەسىدە يۈز بەرگەن قەتلىئامغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقىنىڭ قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقىنىڭ تارىختىكىگە ئوخشاش ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش كېرەكلىكىنى، ئەنجان قەتلىئامى زىكىر قىلىنغان ھامان 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايىئاپەتلەرنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، خىتاي ۋە كېرىموف ھاكىمىيىتى ئوخشاشلا خەلقنى ئېزىدىغان، ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خەلقنى خالىغانچە قەتلى قىلىدىغان، ئىنسانىيەتنىڭ ۋە ئىسلامىيەتنىڭ دۈشمىنى كوممۇنىست ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئۆزبېك خەلقى 23 يىلدىن بۇيان ئىسلام كەرىمۇف ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان بولسا، ئۇيغۇر خەلقى 200 يىلدىن ئارتۇق بىر دەۋر خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا قالغانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 200 يىلدىن بۇيان ئازادلىق ئۈچۈن ھېچ توختىماي كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزبېك خەلقىنىڭمۇ قەتئىي بوشاشماي ئازادلىق ئۈچۈن 23 يىللىق دىكتاتور ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ خىل قەتلىئاملارغا، زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىقلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقىنىڭ بىرلىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىمكان دەر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇرات ئۆزەر ئەپەندى، ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر-بايان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئەڭ ئېغىر بېسىم بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ھېچكىمنىڭ ئىپادە بىلدۈرمەي كېلىۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى، ئۇيغۇر، ئۆزبېك خەلقىنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن باشقا يولى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە يېڭى ئاقىت گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى فارۇق كۈسە، گېرمانىيەلىك تىلشۇناس سەباستىيان ئەسەدۇللاھ ئەپەندىلەر سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۇيغۇر-ئۆزبېك خەلقىنىڭ ئوخشاش تراگېدىيىلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. يىغىندا باش-ئاخىرى سۆز قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبېك-ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىردەك تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يىغىنغا قاتنىشىش ئالدىن پىلانلانغان بولسىمۇ، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىغىنغا قاتناشمىغان ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد سالىھ ئەپەندى، ئاخباراتچىلارنىڭ بىردەك زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئەنجان قەتلىئامىدىن قانداق بىر تەجرىبە-ساۋاق چىقىرىش كېرەكلىكى توغرىسىدا سورىغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بىز، ئەنجان قەتلىئامى ۋە ئۈرۈمچى قەتلىئامى توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزبېكىستان خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسىنىڭ تۈركىيە شۆبە باشلىقى ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.