ئەنقەرەدىكى نامايىشتا تۈرك دۇنياسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى ۋە 5-ئىيۇل قۇربانلىرىغا جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. نامايىشتا، تۈرك دۇنياسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە رەئىسى خەيرۇللا ئەپەندىگىل ئۈرۈمچى قەتلىئامىنىڭ ھازىرمۇ يۈرەكلەرنى ئېچىشتۇرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئارىدىن 5 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ يۈرىكىمىزنى زېدە قىلغان چوڭقۇر يارىلار ۋە جاراھەتلەر ھازىرمۇ ساقايماي تۇرۇۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق ۋە غۇرۇر دەپسەندە قىلىنماقتا. ئارىدىن ئۆتكەن 5 يىلدا شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت ھېچ قانداق ئۆزگەرمىدى. 2014 _ يىلىدىن بېشىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئىنساننى ئەندىشە قىلدۇرىدىغان ۋەزىيەت يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. ئۇ يەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار دىنىي ئىبادەت، مىللىي مەدەنىيەتلىرى بىلەن ياشىيالمايدىغان ھالغا كەلدى. روزا تۇتقان مۇسۇلمانلار جازاغا ئۇچرىماقتا. خىزمەت ئورۇنلىرىدا سۇ ئىچىشكە، تاماق يېيىشكە مەجبۇرلانماقتا.

نامايىشقا قاتناشقان تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل كونجۇك ئەپەندى: ئەزىز مىللىتىمىزنى شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركمەن ئىلى مەسىلىسىگە ئىگە چىقىشقا چاقىرىق قىلىمەن، دېدى.

ئىسمائىل كونجۇك ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركلەرنىڭ مەسىلىسىگە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: مۇسۇلمانلىقتىن سۆز قىلىۋاتقانلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ روزا تۇتۇشى چەكلەنگەن بولسىمۇ ھېچ قانداق سۆز قىلمىغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. مىسىردا يۈز بەرگەن زۇلۇمغا قارشى ئاۋازىنى چىقارغانلار، تۈركلەر زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھامان تىلى بوغۇزىغا سىقىشىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تۈركلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى، دېدى.
ئاخبارات يىغىندىن كېيىن نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسى دەرۋازىسى ئالدىغا قارا چەمبەر قويدى.

قارا چەمبەر قويغاندىن كېيىن تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى ئىسمائىل كونجۇق ئەپەندى ب د ت نى مەسئۇلىيەت ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستاندا نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنسانىيەت پاجىئەسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كۆرۈشى كېرەك.

بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبە رەئىسى خەيرۇللا ئەپەندىگىل ئەپەندى نامايىشنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى بىلدۈردى.