ئەركىن قۇربان: ۋەتەنگە باردىم دەپ جەھەننەمگە بېرىپتىمەن

0:00 / 0:00

يېقىندا كانادا پۇقراسى ئەركىن قۇربان ئەپەندى 14 يىل كۆرمىگەن ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇر دىيارىغا 45 كۈنلۈك زىيارەتكە بېرىپ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى شۇنىڭدەك ئاخىرقى ئۆمرىنى ياشاۋاتقان ئانىسى بىلەن دىدارلىشىپ كەلدى.

ئەركىن قۇربان كانادادا يەنە ئەركىن تېكەس نامى بىلەن تونۇلغان. يېقىندا ئەركىن قۇربان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 45 كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئەركىن قۇربان زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، ياشىنىپ قالغان ئانىسىنى بىر كۆرۈۋېلىش مەقسىتىدە، جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ۋەتەنگە بارغانلىقىنى، ئەمما ۋەتەنگە باردىم دەپ جەھەننەمگە بارغانلىقىنى بىلدۈردى. كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر كانادا پۇقراسىغا يۈرگۈزۈلگەن قانۇنسىزلىقلار ھەققىدە كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە كانادا بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا مەلۇمات بەرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، ئەركىن قۇربان ئەينى يىللاردا ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر مائارىپىدا چاقنىغان 3 گۆھەر دەپ تەرىپلەنگەن، ئىلى ئۇيغۇر مائارىپ خالىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابلىمىت خالىس ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئېلى ئۇيغۇر مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئەينى يىللاردا تۇنجى بولۇپ ئۆسۈمسىز قەرز پۇل بېرىش يولى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولغان ۋە ئېلى ئوبلاستى تەۋەسىدىكى نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرالماي قالغان 1000 غا يېقىن ئوقۇغۇچىنى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كەلگەن. 5-فېۋرال غۇلجا ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇيغۇر مائارىپ خالىس فوندى جەمئىيىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.