ئەركىنلىك سارىيى: خىتايدا پۇقرالار ئەركىنلىكى ئىلگىرىلەپ قامال ئاستىغا ئېلىنماقتا

0:00 / 0:00

ئەركىنلىك سارىيى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتتا 195 دۆلەتنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلغان بولۇپ، نەتىجىدە دۇنيا مىقياسىدىكى 86 دۆلەت ئەركىن دۆلەت، 59 دۆلەت بولسا قىسمەن ئەركىن ۋە 50 دۆلەت بولسا ئەركىن بولمىغان دۆلەت دەپ باھالانغان. خىتاي مانا شۇ ئەركىن بولمىغان دۆلەتلەر ئىچىدە. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينىڭ 2015-يىلى ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى ۋەكىللىرى، ئىشچىلار ھوقۇقى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇقلارغا قارىتىلغان بېسىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى قەيت قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2015-يىلى ئىچىدە ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشنى شۇنداقلا ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر ۋە ئۆكتىچىلەرگە زەربە بېرىشنى ئاكتىپ داۋام قىلغان. سىياسىي ئەركىنلىك ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىگە، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، ئاياللار ھوقۇقى قوغدىغۇچىلىرى، ئىشچىلار ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىق كۈچەيتىلگەن. ئىنتېرنېت ئىلگىرىلەپ تەقىب ۋە قامال ئاستىغا ئېلىنغان. پۇقرالارنىڭ يىغىلىش قىلىش ئەركىنلىكى، پىكىر ئەركىنلىكى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىدىغان بىر قاتار قانۇنلارنى ماقۇللىغان.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، 2015-يىلى ئىچىدىمۇ سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يەنى ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خرىستىئان ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى قاماققا ئېلىنغان. گەرچە ئۇنىڭ ئېنىق سانىنى بېكىتىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما 2014-يىلىدا خىتاي ئۆزى سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ سانىنى 1200 نەپەر دەپ ئېلان قىلغان.

شى جىنپىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان خىتايدىكى پۇقرالار ھوقۇقىنىڭ كەينىگە چېكىنگەنلىكى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قارىتىلغان بېسىمنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىردەك دىققەت قىلىۋاتقان ۋە تىلغا ئېلىۋاتقان بىر مەسىلە. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي سادزىۋىسكىمۇ ئىلگىرى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدى. ئۇ سۆزىدە، شى جىنپىڭدىن بۇيان خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى قاماققا ئالىدىغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ يېڭى ماقۇللانغان قانۇنلار ئارقىلىق تىنچلىقپەرۋەر ھەرىكەتلەرنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى جىنايىلاشتۇرغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنىڭ شى جىنپىڭ تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆچمەن يۆتكەش ھەم شۇنداقلا بۇ رايونلاردىن ئىشچى يۆتكەش پروگراممىسى ئارقىلىق يەرلىكنىڭ نوپۇس قاتلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى بولۇپمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، تىبەت ۋە ئىچكى موڭغۇل رايونىنىڭ نوپۇس قاتلىمىنى تەڭشەشنى مەقسەت قىلغان زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش ۋە شۇنداقلا ئىشچى يۆتكەش سىياسىتىنى داۋام قىلدى. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، دائىرىلەر شىنجاڭدا نوپۇسقا ئورۇنلىشىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇردى. بۇ، 2015-يىلى ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەننىڭ رايونغا ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدا تۇرۇپ، بىر يەردىن-بىر يەرگە بېرىشى قېيىنلاشتۇرۇلغان. ئۇيغۇر رايونىدا يېزىلاردا 3 پەرزەنت كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئاز پەرزەنت كۆرۈشنى تاللىماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەرلىك دائىرىلەر ‹پىلاندىن سىرت بالا تۇغۇش› قا زەربە بېرىشنىمۇ كۈچەيتكەن.»

دوكلاتنىڭ دىنىي ئەركىنلىك قىسمىدا، 2015-يىلى ئىچىدە، خىتايدىكى خرىستىئان، كاتولىك چېركاۋلىرى، فالۇنگۇڭ تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەزالىرىنىڭ تەقىپكە، زورلۇق زومبۇلۇققا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنىڭ تۈرمىگە ئېلىنغانلىقى مىساللار بىلەن كۆرسىتىلگەن. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بولسا مۇنۇلار دېيىلگەن: «گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان خۇي مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ھاياتىغا كەڭچىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 2015-يىلى ئىچىدە ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىنى چەكلەش سىياسىتى ئوخشاش داۋام قىلدى. دائىرىلەر دىنىي پائالىيەتلەرنى، بۇرۇت-ساقال ۋە رامزان مەزگىلىدە روزى تۇتۇشنى چەكلىدى. بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارنى ھەتتا قاماق جازاسى بىلەن جازالىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىگە قىلىۋاتقان بېسىمىنىڭ يېنىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئىقتىسادىي ھاڭ ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ، ئۇلار ئارىسىدا رادىكاللىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. نەتىجىدە يەرلىك تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ۋە شۇنداقلا تىنچلىق بىلەن قىلىنغان نارازىلىق نامايىشلىرىنى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇشىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تۈرلۈك ۋەقەلەرنىڭ سانىنى ئاشۇرۇۋەتتى. 2014-يىلى سېنتەبىردىن ئېتىبارەن بۇ خىل ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 160 تىن ئارتۇق دەپ ئېلان قىلىنماقتا. بىراق، ھۆكۈمەت مۇستەقىل ژۇرنالىستلارنىڭ رايونغا كىرىشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇستەقىل ئۇچۇر ئېلىشمۇ مۇمكىن بولماي كەلدى. ئۆتكەن دېكابىر ئېيىدا ماقۇللانغان يېڭى ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› نىڭ دىنىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تەقىب ۋە جازانى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.»

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىنىڭ خىتايدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكى قىسمىدا يەنە، فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدىن چىقىرىۋېتىلگەنلىكى ئالاھىدە مىسال قىلىپ ئېلىنغان. بۇ مەسىلە ئەينى چاغدا خەلقئارادىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى. مۇخبىرلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دىتس رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئۇرسۇلانىڭ مەسىلىسىنى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى ئاخباراتنى قامال قىلىش بىلەن تەڭ، چەتئەل ئاخباراتلىرىنىمۇ قامال قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈرلۈك بېسىم سىياسەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چىڭىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ ژورنالىستلارغا قارىتىلغان بېسىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەركىنلىك سارىيى دوكلاتى ئاخىرىدا يەنە، خىتاي قانۇنلىرىدا گەرچە مىللەت، ئىرق، جىنس ۋە دىن ئايرىمىچىلىقى قىلىش چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنمىغانلىقى، مىللىي ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنىڭ، مېيىپلارنىڭ ۋە ياكى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ھەتتا مەكتەپكە بېرىپ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىش ۋە خىزمەتكە ئورۇنلىشىشقىچە بولغان ھەرقايسى ساھەلەردە كەمسىتىلىشكە ئۇچرايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئەركىنلىك سارىيىنىڭ يىللىق دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغان يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، خىتاي ئالغان ئومۇمىي ئەركىنلىك نومۇرى ئاران 16 نومۇر بولغان. بۇنىڭ ئەكسىچە ئەركىن دەپ باھالانغان فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، كانادا، ياپونىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق 86 دۆلەت بولسا 100 بىلەن 70 ئارىسىدا نومۇر ئالغان. تۈركىيە 53 نومۇر بىلەن قىسمەن ئەركىن دۆلەت، دەپ باھالانغان.