ئەركىنلىك سارىيى خىتاينى سىياسى ھەقلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىدە ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىدىكى تارىخىي ئەڭ ئۇزۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى - ئەركىنلىك سارىيى چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2013 - يىللىق دۇنيا ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا خەلق ئاممىسىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك تەلىپى كۈچەيگەن.

بىراق بېرما قاتارلىق قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسى ھەق ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى خاتىرىسى بىرئاز ياخشىلىنىپ، ئەركىن دۆلەتلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايغا ئوخشاش بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ناچار دۆلەتلەردە ئەركىنلىكنى باستۇرۇش كۈچەيگەن. دوكلاتتا، خىتاينىڭ سىياسى ھەقلەر، پۇقرالار ئەركىنلىكى جەھەتتىكى ئەھۋالى ياخشىلانمىغانلىقى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىپادىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز ئەركىن مەلۇمات بېرىدۇ.

ئەركىنلىك سارىيى ئۆزىنىڭ 2013 - يىللىق دوكلاتىدا دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنىڭ 2012 - يىلدىكى سىياسى ھەقلەر، پۇقرالار ئەركىنلىك ئەھۋالىنى باھالاپ چىقىپ، خىتاينى سىياسى ھەقلەر جەھەتتىكى خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار، پۇقرالار ھوقۇقى جەھەتتىكى خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن. ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنى دەرىجىگە تىزىپ، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرگە 7 نومۇر بەرگەن. خىتاي سىياسى ھەقلەر جەھەتتىكى ئەھۋالى شىمالىي كورىيە، ئېرىتىرىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا قاتارلىق ئەللەر قاتارىدا ئەڭ ناچار دۆلەت، پۇقرالار ھوقۇقى جەھەتتىكى ئەھۋالى ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

دوكلاتتا، 2012 - يىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالغان خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ سىياسى ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشىگە ئۈمىدۋار قارىمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئورنىنى قاتتىق قول سىياسەتكە تايىنىپ تىكلىگەن خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھى تەختكە چىقىپ، خىتايدا ھەقىقى سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈمىدى كۆپۈككە ئايلانغانلىقى، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سىياسى ئەركىنلىك دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئېھتىماللىقى باردەك ئەمەسلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان تور چەكلىمىسى ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، بەزى خىتاي ئانالىزچى ۋە ئۆكتىچى زاتلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي ئەركىنلىككە يول - قويۇش - قويماسلىقى يەنىلا خىتاي جەمئىيىتىدىكى ئۆزگىرىشكە مۇناسىۋەتلىك. ئامېرىكا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ۋە ئۆكتىچى زات جاڭ ۋېيگو ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: ئۇلارنىڭ سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بارماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك قىيىن. جوڭنەنخەي ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇسىدىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى يوق. بىراق، جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى شەخسنىڭ ئىرادىسىگە باقماسلىقى مۇمكىن. بىز خەلق ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆلەم، ئېغىرلىق جەھەتلەردىن بارغانسېرى ھالقىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ ئەھۋال جۇڭگونى يانار تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئەھۋالغا ئاپىرىپ قويدى. خەلق ئىچىدىكى بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بۇنىڭ ئۇچقۇنى خالاس. كومپارتىيىنىڭ قاتتىق مۇقىملىق سىياسىتى ۋەزىيەتنى بېسىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈرمەيۋاتىدۇ. ئەگەر، خەلق ئىچىدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى بىرلىشىپ، ئومۇمى ۋەزىيەتكە ئايلانسا، كومپارتىيە سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

جاڭ ۋېيگونىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى چىڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى ۋەزىيەتكە ئوخشاپ قالغان. ئۇ، ھەرقانداق بىر ھادىسىنىڭ جۇڭگودا ئومۇمى يۈزلۈك ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىنلىك سارى