بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى خىتايچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ «سۇنىڭ پۇتبول كوماندىسى» نىڭ ھۇجۇمچىسى، بۇ يىل ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن پۇتبول چولپىنى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر تارقالدى. ئىرپاننىڭ كوماندىدا بولماسلىقىغا قارىتا نارازىلىق ۋە ئەندىشىلىرىنى بايان قىلغان توپ مەستانىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «تەربىيىلەش لاگېرى» دا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن چۆچەككە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئۇنىڭ ئىككى ئايدىن بېرى «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
بۇ يىل 19 ياشقا كىرگەن، 15ياشتىن باشلاپ خىتاينىڭ دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىدا توپ تەپكەن ئىرپان ھېزىمجان، بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان. توردىكى خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىرپان بۇلتۇر جياڭسۇنىڭ «سۇنىڭ كوماندىسى» بىلەن بىرلىكتە بۇ يىل 1 -ئاينىڭ 10 -كۈنىدىن 30 -كۈنىگىچە ئىسپانىيەدە، 2 -ئاينىڭ 3 -كۈنىدىن 15 -كۈنىگىچە دۇبەيدە توپ ئوينىغان. ئۇ 2 -ئاينىڭ ئاخىرى كوماندىنىڭ قىشلىق دەم ئېلىش ھەپتىسىدە ئاتان-ئانىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇرتى دۆربىلجىنگە بارغان. 3-ئاينىڭ بېشىدا كوماندا ئەزالىرى قىشلىق تەتىلنى تۈگىتىپ نەنجىڭدە توپ مەشىقى ئېلىپ بارغاندا كوماندىنىڭ ئەڭ قابىل ئەزالىرىدىن ئىرپان ھېزىمجان بىلەن برازىلىيەلىك پۇتبولچى رامرەس سانتاس توپ مەيدانىدا كۆرۈلمىگەن. بۇ ئەھۋال توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا نارازىلىق ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغان. توپ مەستانىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىغا جاۋابەن «سۇنىڭ كوماندىسى» مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، رامرەسنىڭ ئاغرىق سەۋەبى بىلەن قاتنىشالمىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما ئىرپان ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىگەن.
«سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبى» نىڭ ئىرپان ھەققىدە گەپ قىلالماسلىقى توپ مەستانىلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان. ئىرپاننىڭ شەخسىي بلوگىنى كۆزەتكەن تور مەستانىلىرى ئۇنىڭ بىرقانچە ھەپتىدىن بۇيان پەقەتلا تورغا چىقمىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلىۋاتقان «سىياسىي تەربىيە لاگېرى» دا بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىز بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئىرپان ھېزىمجاننىڭ يۇرتى بولغان چۆچەك ۋىلايىتىگە تېلېفون قىلدۇق. ۋىلايەتتىكى بەزى خادىملار ئىرپان ھېزىمجاننىڭ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى. ئەمما تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىملارنىڭ ھېچ بىرى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. خادىملاردىن بىرى ئەھۋالنى دۆربىلجىن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىن بازارلىق ساقچىخانا تەرىپىدىن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز بۇ خادىم تەمىنلىگەن ئالاقە ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئىرپان ھېزىمجاننى تۇتقانلىقى ۋە «تەربىيىلەش لاگېرى» غا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر ساقچى خادىمى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. بۇ خادىم ئىرپان ھېزىمجاننى ئۆزىنىڭ تۇتقانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئەمما ئۇ ئىرپان ھېزىمجاننىڭ ئەھۋالى، جۈملىدىن ئۇنىڭ قايسى «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزىنىڭ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ساقچى قوماندانلىق مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. دۆربىلجىن ناھىيىلىك ساقچى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ بىر خادىمى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ 2 ئايدىن بېرى «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.