پۇتبول چولپانى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىندىكى «تۈرگۈن تەربىيەلەش مەركىزى» دە ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 2‏-ئايدا «تەربىيەلەش لاگېرى» غا ئېلىپ كېتىلگەن پۇتبول چولپانى ئىرپان ھېزىمجان ھەققىدىكى ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ جياۋچۈ (شەھەر ئەتراپى) يېزا تۈرگۈن كەنتىگە تەسىس قىلغان «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى، ئاپىسى پەرغانە خانىمنىڭ بۇ ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلالماي ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويغانلىقى ئېنىقلاندى.

بىز خىتاي دۆلەتلىك پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى، جياڭسۇ سۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ قايسى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن چۆچەك ۋە دۆربىلجىندىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا تېلېفون قىلدۇق. ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دادىسىنىڭ قاسساپلىق قىلىدىغانلىقى، دۆربىلجىن بازىرىنىڭ چۆچەك كوچىسىدا ئولتۇرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

دۆربىلجىندىكى بىر ساقچى خادىمى، ئىرپان ھېزىمجاننىڭ دۆربىلجىننىڭ جياۋچۈ (شەھەر ئەتراپى) يېزىسىنىڭ تۈرگۈن كەنتىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بىز يەنە تۈرگۈندىكى بۇ لاگېرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. ساقچى خادىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، دۆربىلجىن ناھىيە بازىرىدىن 10 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتىكى تۈرگۈن كەنتىدە قازاقلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ خادىم يەنە ئىرپان ھېزىمجان تۇرۇۋاتقان مەزكۇر لاگېرغا 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ سولانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر، قالغانلىرىنىڭ قازاق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئاھالىلەردىن بىرى، ئىرپان ھېزىمجاننىڭ ئائىلىدە يالغۇز بالا ئىكەنلىكىنى، ئۇ تۇتۇلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر ئائىلىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىممۇ كۆرۈشۈپ باقمىغانلىقىنى، بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ئاپىسى پەرغانە خانىمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئۇشتۇمتۇت ۋەقەنى ۋە ئېغىر ھەقسىزلىقنى قوبۇل قىلالماي پەرغانە خانىمنىڭ نۆۋەتتە ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئالدىنقى كۈنىدىكى پروگراممىمىزدا ئالاقىدار خادىملار پۇتبول چولپانى ئىرپان ھېزىمجاننىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە چەتئەلگە چىققانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. توردىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن ئۇنىڭ بۇ يىل 1‏- ۋە 2‏-ئايدا ئىسپانىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بولغانلىقى ئاشكارىلاندى. «يېپىق لاگېرلار» ھەققىدە ئىلگىرى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا خىتاينىڭ تۈركىيە، مىسىر ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 10 نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تۇتۇپ سولاۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.