خىتاي ئۆلكىلىرىدە خېلى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار مېھمانخانىغا ئېلىنماي كەلگەن، بۇ جىددىي بىر مىللىي كەمسىتىش مەسىلىسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا دىققەت قوزغىغان ؛ بۇ سەۋەبتىن ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇقچىلار خىتاي تەرەپنى بۇ مەسىلىسىنى تۈزىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. يېقىنقى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، خىتاي شەھەرلىرىدىكى بۇ مەسىلە تۈزەلگەن ئەمەس.
خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇيغۇر رايونىىغا قاراپ توختىماي ئېقىۋاتقان ۋە ئۇ يەردە ئىش ۋە تۇرالغۇ جەھەتتە ئالاھىدە ئىمتىيازلارغا ئىگە بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مىڭبىر جاپادا بېيجىڭغا يېتىپ بارغان ئۇيغۇر ئەرزدارلار چارىسىز ھالدا يېتىۋاتقان كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدىنمۇ ھەيدالغان. بۇرۇن قۇرۇلۇشلاردا قوشۇمچە ئىشلەپ كۈن ئۆتكۈزۈۋاتقان بۇ ئەرزدارلار، ئەمدىلىكتە مىللىي كىملىكى سەۋەبلىك ئىشلەمچىلىككىمۇ قوبۇل قىلىنمىغان. نۆۋەتتە ئۇلار كېچىلىرى ئەخلەت ساندۇقلىرىدىن بوتۇلكا يىغىپ سېتىپ كۈن كەچۈرمەكتە.
0:00 / 0:00