گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشىدا 8 مىڭ تال ئەتىرگۈل ئىشلىتىلىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتى جەلپ قىلىنغان.
5-فېۋرال كۈنى گوللاندىيەنىڭ دەنخاگ شەھىرىدىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 21 يىللىقىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا 8 مىڭ تال ئەتىرگۈل بىلەن يۈرەك شەكلىدە گۈلچەمبىرەك ياسىلىپ، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە گوللاندىيە جامائىتىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلغان. گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى نامايىشقا گېرمانىيەدىن ئالايىتەن بېرىپ قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھاياجانلىق مەنزىرە ھەققىدە توختالدى.
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇسالام ئەپەندىمۇ 8 مىڭ تال ئەتىرگۈل بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشتا ھەقىقەتەن زور رول ئوينىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نامايىشلارنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك ساداسىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇر نامايىشچىلار يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارغا مۇراجىئەت قىلماقتا. 3-فېۋرال كۈنى بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆكبايراققا ماسلاشتۇرۇپ كۆك بايراق رەڭگىدە كىيىم كىيىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق بېلگىيە خەلقىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىشقا تىرىشقان ئىدى. بۇ ھەقتە بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلنىسا خانىم مەلۇمات بېرىپ، نامايىشنىڭ ناھايىتى نەتىجىلىك بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، بۇنداق ئۆزگىچە ئۇسۇلدا نامايىش قىلىشنىڭ ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئەتىرگۈلدىن گۈلچەمبىرەك ياساپ ئۆز مىللىتىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى بولغان د ئۇ ق مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زەينىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەرخىل يېڭىلىقلارنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىشقا دەۋەت قىلدى.
گوللاندىيەدىكى «ئۇيغۇر نىداسى» تور رادىيوسىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇسالام ئەپەندى، بۇ قېتىم گوللاندىيەدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشنىڭ ئىلگىرىكى يىللارغا قارىغاندا تەسىرلىك، نەتىجىلىك ئۆتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
مەلۇم بولغىنىدەك، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىلقى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نى خاتىرىلەش نامايىشى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا كۆلىمى ۋە تەسىرى جەھەتتىن زور دەرىجىدە پەرقلەنگەن ئىدى. ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان بۇ زاماندا ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەردە يۈزلىگەن، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار نامايىش سېپىگە قوشۇلۇپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە بولغان قارشىلىق ئىرادىسىنى نامايان قىلماقتا.
0:00 / 0:00