بىر نەپەر ئۇيغۇر ئاسپىرانتنىڭ ئېيتىلمىغان ھېكايىسى: ساراسىملىق كۈنلەر (2)

0:00 / 0:00

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ بايانلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇر بىلىم قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئېغىر سىياسىي بېسىم ۋە روھىي سىقىلىش ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلماقتا.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە 1980-يىللاردىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانى ئۈچۈن ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئاسپىرانتلار قوشۇنى بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۇيغۇر بىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالىي قاتلىمىنى شەكىللەندۈرگەن.

ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى داۋامىدا ئۇيغۇر بىلىم ساھەسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ تەقىب نىشانى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان مەزكۇر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ قىلتىقىغا ئىلىنىپ، ئېغىر روھى بېسىم ۋە ساراسىم ئىچىدە ياشىغان.

مەخپىي ساقچىلارنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قورقۇتۇشى، مەجبۇرلىشى ھەمدە بىلىم قاتلىمىدىكىلەر ئارىسىدىن ئۇچۇر ئىگىلەشكە زورلىشى نەتىجىسىدە، ئۇ نورمال ئىنسانغا خاس تۇرمۇشىدىن مەھرۇم بولغان.

قورقۇنچ ۋە ساراسىم ئۇنىڭ كەسپىگە بولغان مۇھەببەت ھەمدە زېھنى كۈچىنى خورىتىپ، ھەممە نەرسىگە نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارايدىغان قىلىپ قويغان.

ئۇ ئۆزىلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا دۆلەت خەۋپسىزلىك ساقچىلىرىنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

ئۆز ۋەتىنى ۋە ئۆز خەلقى قوينىدا نورمال بىر ئىنسانغا خاس ياشاش مۇھىتىنى يوقاتقان، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ چىرمىغان، رېئاللىق بىلەن مىللىي ۋىجدانى ئارىلىقىدا تاللاشقا دۇچ كەلگەن بۇ ياش ئاخىرى مىڭ بىر مۇشەققەتلەر بىلەن ئەركىن دۇنياغا قەدەم باسىدۇ…

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.