20-دېكابىر ياپونىيەنىڭ كاگوشىما شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن ئۈستىدىن خەلقئارالىق سوت ئېچىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە، فالۇڭگوڭ تەشكىلاتى رەھبەرلىرى خىتايدا يالغۇز فالۇڭگۇڭچىلار ئەمەس، بەلكى ئېتىقادلىق ئۇيغۇر، تىبەتلەرنىڭمۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئىزچىل ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلدى.
ياپونىيە فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى پياۋ لۇڭخې ئەپەندى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت جۈملىدىن خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەت مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى.
باش شتابى توكيودىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن كاگوشىما شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختالغان، ياپونىيەلىك فالۇڭگۇڭ مۇرىتى ئوگاۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «2001-يىلىدىن باشلاپ كۇماموتو شەھىرىدە فالۇڭگوڭ تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىق ھەرىكىتىنى باشلىدۇق. ھازىر تور بېتىمىز ۋە پائالىيەت مەركىزىمىز بار. كۆپلىگەن كىشىلەر ھەرىكىتىمىزنى قوللاۋاتىدۇ. مەقسىتىمىز خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش بولغانلىقتىن كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتۇق. شۇڭا پائالىيىتىمىزنى داۋاملىق ھالدا كېڭەيتىشكە تىرىشىمىز.»
ئىمزا توپلاش پائالىيىتىدە ياپونىيە فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى پياۋ لۇڭخې ئۆزىنىڭ يالغۇز خىتايدا فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ئاپتونوم رايونىدىكى ئېتىقادلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە توختالدى. پائالىيەتتىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پياۋ لۇڭخې ئەپەندى ئۇيغۇر، تىبەتلەر ھەققىدە توختىلىپ:«شىزاڭ،شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن تەپسىلىي خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلىرىنى ئىزچىل دەپسەندە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. چۈنكى مەنمۇ ئىلگىرى خىتاينىڭ كادىرى بولغان. شۇڭا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلىمىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۇتقان سىياسەتلىرىدىن تولۇق خەۋىرىم بار. خىتاي كومپارتىيەسى مەيلى شىزاڭ، مەيلى شىنجاڭ ۋە ياكى فالۇڭگۇڭ بولسۇن ھەممىسىنى ئوخشاشلا باستۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى ۋە مەنپەتىنى قوغداشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ سۆزىدە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەتلەر ھەققىدە مەملىكەت ئىچىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقى ھەققىدە توخىتىلىپ:«بىز چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن شىزاڭ، شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلدۇق» دېدى.
زىيارىتىمىز جەريانىدا پياۋ لۇڭخې خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:«خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىرتتىن قارىسىڭىز، ئۇلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جەمئىيىتىدە باراۋەرلىككە ئېرىشكەندەك كۆرۈنىدۇ شۇنداقلا كومپارتىيە ئۇلارغا يالغاندىن كۆز بويامچىلىق قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن ئاپتونوم رايون، ئاپتونوم ئوبلاست دېگەندەك ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە كومپارتىيە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، ئۆزىگە سادىق كىشىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلەپ ئەۋەتىدۇ. ئاپتونوم رايون خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قامچىسى ئاستىدا باشقۇرۇلىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا خەلق كومپارتىيەنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرىنى ھېس قىلالماي، كومپارتىيىگە قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. ئەمەلىيەتنى ئېيتقاندا خىتاي كومپارتىيەسى ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.»
ياپونىيە فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى پياۋ لۇڭخې ئەپەندى ئەسلىدە خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەنمىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئۇ، 1993-يىلى ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىپ، ياپونىيەدە تۇرۇپ قالغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيەدىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئوكى خانىم ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان فالۇڭگۇڭ ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ئون تۆت يىلدىن بۇيان فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كېلىۋاتىمەن. بۇ جەرياندا فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىش بىلەن بىرگە، ياپونىيە خەلقىگە نامەلۇم بولغان خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن زامانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ۋە جازالانغان فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ياپونىيە جەمئىيىتىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن» دېدى.
كيۇشۇ رايونىدىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى نەن بېيخې خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ فالۇڭگوڭ تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«جياڭ زېمىن زامانىسىدا فالۇڭگۇڭچىلار ئېغىر باستۇرۇشقا ئۇچرىدى. جۇڭگو خەلقى ۋە شۇنداقلا دۇنيا خەلقى نېمە سەۋەبتىن فالۇڭگۇڭچىلارنىڭ باستۇرۇشقا ئۇچرىغانلىقىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلمىدى. شۇڭا بىز فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى جياڭ زېمىننىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇنى خەلقئارالىق سوتقا تارتىش يۈزىسىدىن توختىماي بۇ خىلدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.»
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتىنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە كۆزەتكۈچىسى سۈپىتىدە قاتناشقان ياپونىيەلىك خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى ئارىما خانىم فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ ئۆزى چەتئەللەردىكى خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى گۇرۇھلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ بىردەكلىكىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر،تىبەت، فالۇڭگۇڭ ۋە شۇنداقلا خىتاي ئۆكتىچىلىرى بولسۇن، ھەممىسى تەشۋىقاتلىرىدا بىر-بىرىسىگە ھەمدەم بولۇشى كېرەك. بۇ خىل يۈزلىنىش خىتاي كومپارتىيەسىگە روھىي جەھەتتىن غايەت زور بېسىم بولىدۇ» دېدى.
ياپونىيەدىكى فالۇڭگۇڭ تەشكىلاتى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 31-دېكابىر ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەرلەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا كەچ سائەت ئالتىدىن كېچە سائەت 12 گە قەدەر يەنى يېڭى يىل كىرگىچە بولغان ۋاقىتقىچە سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇپ نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارىدىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.
0:00 / 0:00