فىلىپپىن مۇتەخەسسىسى: خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن باستۇرماقتا

0:00 / 0:00


14 - 16 ئاپرېلغىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تەپسىلىي ئاڭلىتىلغان ئىدى.

15 - ئاپرېل كۈنىدىكى ئۈچ بۆلۈم شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىننىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدە، خىتاينىڭ قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ۋە مەجبۇرىي بويسۇندۇرۇش سىياسىتى، ئىز - دېرەكسىز غايىب بولۇش ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى. ئەنىۋەرجان رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ بۆلۈمدە فىلىپپىندىن كەلگەن ئاسىيا ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇلى ئائىلەن باكالسو خانىم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى ۋە ئۇيغۇر ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار» تېمىسىدا سۆز قىلدى.

ئائىلەن باكالسو خانىم ئىز - دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە خىتاينىڭ ئۆزى قول قويغان خەلقئارا خىتاپنامىغا خىلاپ ھالدا پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ كەلمەسلىكىنىڭ ب د ت نىڭ ئەيىبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇ، خىتاينىڭ 1993 - يىلى «ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى»غا 1993 - يىلى قول قويغان بولسىمۇ، بىراق «دۆلەتنىڭ مۇقىملىقى»، «بىخەتەرلىكى»، «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتقانلىقى، خەلقئارا قانۇنلارغىلا ئەمەس ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنلىرىغىمۇ خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەركىزى فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق ئاسىيا ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار تەشكىلاتلىرى فېدېراتسىيەسى مەسئۇلى ئائىلەن باكالسو خانىم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلارنىڭ ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش خىتابنامىسى» خىتايدا تولۇق ئەمىلىلەشكىچە كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تۆۋەندە ئۇنىڭ نۇتقىدىن ئارىيەلەر ئاڭلىتىمىز.