فىرانسىيەلىك مۇخبىر ئۇرسۇلا گويتىرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنى باي ۋەقەسى ھەققىدە يازغان ماقالىسى سەۋەبلىك خىتايدا تۇرۇش ۋىزىسىنىڭ ئۇزارتىلمىغانلىقى بۈگۈن خەلقئارا ئاخباراتتا مۇھىم كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا.
ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭ ماقالىسى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن ئاقىۋەت ھەققىدە نېمە دەيدۇ؟
مۇخبىرىمىز بۈگۈن بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى. سۆھبەتتە رابىيە خانىم ئۇرسۇلا خانىمنىڭ نازۇك بىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار مۇھىم بىر تېمىدا ھەق گەپنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ خىتاي تەرەپنىڭ يولسىز تەلەپ تەھدىتلىرىگە باش ئەگمىگەنلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.