«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 9 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار 7-ئىيۇل كۈنى فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكى شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ باردى.
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشقا 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا فىنلاندىيە پارلامېنت ئالدىغىچە يۈرۈش قىلىپ، خىتايغا قارشى ھەر خىل شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار بىردەك «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «بىز ئادالەت تەلەپ قىلىمىز»، «ۋەتەن ئۈچۈن جېنىم پىدا»، «شى جىنپىڭ تېررورچى» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا يەنە ئامېرىكا بايرىقى بىلەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلار كۆتۈرگەن ئىدى. چوڭ خەتلىك لوزۇنكىلاردا «خىتاينىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى جازالىشىغا رۇخسەت قىلىنمىسۇن»، «سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىشى توختىتىلسۇن»، «خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى 1 مىليون ئۇيغۇرنى قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان ئىدى. نەق مەيداندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار نامايىشچىلارنىڭ خېلسىنكى كوچىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەنلىكىنى، يەرلىك فىنلارنىڭ بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى سوراپ نامايىشچىلارغا ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
فىنلاندىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوبۇلقاسىم سەئىد ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن دوكتور مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى بۇ نامايىش توخرىسىدا توختىلىپ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىپ بارغان نامايىشنىڭ ھاياجان قىزغىنلىق ئىچىدە ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن سىرت يەرلىك فىنلار بىلەن بىر قىسىم ئەرەبلەر بولۇپ 150 ئەتراپىدا كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، نامايىشچىلارنىڭ جەڭگىۋار شوئارلىرى بىلەن جەۋلان قىلىپ تۇرغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنىڭ خېلسىنكى كوچىلىرىنى لەرزىگە كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
نامايىشقا ئاكتىپ قاتناشقان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئەنۋەرجان بۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم خېلسىنكىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىش ناھايىتى داغدۇغىلىق ياخشى ئۆتتى.
بۇ نامايىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، 2009-يىلى ئۈرۈمچى يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىش ھەم ئۆزىمىزمۇ بۇ ۋەقەنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈندۇر.
نامايىشنىڭ يەنە بىر مەقسىتى بولسا ھازىر ۋەتىنىمىزدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئاتا-ئانىلىرىمىز، ئاچا-سىڭىل، ئاكا-ئىنىلىرىمىزنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ، باشقىلارنىڭ ئىگە چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بولدى. مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ئەگەر بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلساق، بىزنى قوللايدىغانلار ھەر زامان، ھەر يەردە تېپىلىدىكەن.»
فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن يەنە ئابدۇلھەپىز ئەپەندى بۇ نامايىشتىن ئالغان تەسىراتىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلار بىرلىككە كېلىپ بىر ياقىدىن باش چىقارسا، شۇ بىرلىكتىن كۈچ تۇغۇلىدىكەن ۋە بىزنىڭ ئاۋازىمىز دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىنىدىكەن.»
ئىگىلىشىمىزچە، فىنلاندىيەدە 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىر بۇ دۆلەتتە نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار ياشىماقتىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ جامائەتلىك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى، پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر مىللىي ئەنئەنىسى ۋە كىملىكى بويىچە تەربىيەلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشنىڭ تەقەززالىقىنى تونۇپ يەتمەكتىكەن.
0:00 / 0:00