فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىنلىك نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى
2015.10.12
10-ئۆكتەبىر فىرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئەركىنلىك نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.
باش شتابى ئىتالىيەدىكى سوتسىيال لىبېرال پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىتالىيە ۋە فىرانسىيەدە چاقىرىلغان ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئېزىلگەن مىللەتنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھۆرلۈكۈنى قولغا كەلتۈرۈشىنى مەقسەت قىلغان كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا فىرانسىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، ۋىيېتنام قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان.
بۇ قېتىمقى نامايىشقا قاتناشقان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش ناھايىتى يۇقىرى كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشتا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق دوكلات سۆزلەنگەن.
يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ نامايىشتا، نامايىشچىلار قوللىرىدا تىبەتنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ماڭغان.
نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن سائەت بەشكە قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، نامايىشچىلار پارىژدىكى باستى رايونىدىن رېپوبلىك مەيدانىغا قەدەر پىيادە يول يۈرۈپ، ئەركىنلىك شوئارلىرىنى توۋلىشىپ ماڭغان.
بىز بۇ نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن تېلېفون قىلىپ، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.