فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە ئائىت «يېڭى ئۇنىۋېرسال» ناملىق ژۇرنال نەشر قىلىنغان.
ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەزەلدىنلا خىتاي تۇپرىقىغا تەۋە بولمىغان مۇستەقىل بىر زېمىن ئىكەنلىكى ئالغا سۈرۈلگەن.
ئۇيغۇرلارغا ئائىت «خىتاي ئىمپېرىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيادا» ناملىق چوڭ ھەجىملىك ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تىل-يېزىقى، مەدەنىيىتى،تارىخى ھەققىدە بەزى بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەركىن ئابلىمىتنىڭ ئېيتىشىچە، ژۇرنال مەسئۇلى ۋە شۇنداقلا مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى دېنىس ئەپەندى، ھازىر فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى بولۇپ، ئىلگىرى ئۇ،فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى بولغان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.
مەزكۇر ژۇرنال ھەققىدە، فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئابلىمىت بىلەن ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىنى ئاڭلاڭلار.