فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروندىن خىتاي زىيارىتىدە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنماقتا. ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن پروفېسسور مارى ھولزمان خانىم يېقىندا فرانسىيىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتناشقان بىر يىغىلىشتا پرېزىدېنت ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەخبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
فرانسىيە پرېزدېنتى ماكرون 7-يانۋار خىتاي زىيارىتىنى باشلىماقچى. مەلۇم بولۇشىچە، پرېزدېنت ماكروننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ سىياسىي مەسلەھەتچىلەر گۇرۇپپىسى فرانسىيىدىكى بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان ۋە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلىغان.
گېرمانىيىدە قۇرۇلغان «ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىشقا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ فرانسىيىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، تونۇلغان كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىسى ۋە خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى پروفېسسور مارى ھولزمان خانىممۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ مەزكۇر ئۇچرىشىشتا فرانسىيە پرېزدېنتىدىن خىتاي زىيارىتىدە ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەخبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
مارى ھولزمان خانىم رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلىمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىش يىغىندا فرانسىيە پېرزېنتىدىن تەلەپ قىلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى. مارى ھولزمان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 3-يانۋاردىكى ئۇچرىشىشقا فرانسىيىدىكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلاردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ فرانسىيە شۆبىسى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ۋە ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.
مارىئې ھولزمان خانىم مەزكۇر ئۇچرىشىشتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنى كۈتىۋالغۇچىلار فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ ئاسىيا ئىشلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە مەسئۇل خادىملىرى، دىپلوماتىيە خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشىدىن تەركىپ تاققان سىياسىي مەسلەھەتچىلەر گۇرۇپپىسى بولدى. ئۇلار، خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋۇكاتلىرىنى قويۇپ بېرىش قاتارلىق تەلەپلىرىمىزنى تولىمۇ ئەستايىدىللىق ۋە سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىدى.»
مارىئې ھولزمان خانىم يەنە مۇنداق دېدى: «مەن پرېزدېنت ماكروننىڭ مەسلەھەتچىلىرىنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت كونكىرىت مەسىلىلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنىڭ ئازلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا خىتايدا بارغانچە يامانلىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە بىرقەدەر تەپسىلىي توختالدىم. بولۇپمۇ خىتايدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرى ھەققىدىكى بايانىمدا مۇددەتسىز قاماق قازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدىم. مەن ئىلھام توختى قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئۇلارغا تاپشۇردۇم. بۇ گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ تامامەن ئەركىنلىككە ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدىم. ھېچ بولمىغاندا ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئادىل بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردۈم. تەلىپىمدە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈشىنىڭ ئاسانلىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ بېيجىڭگە يۆتكىلىشى كېرەكلىكىنى، خەۋەرلەر قامال قىلىنغان ھازىرقى ھالەتكە خاتىمە بېرىلىپ، ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىدىن ئۇرۇق-تۇققانلىرى ۋە دۇنيانىڭ خەۋەردا بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە كېلىۋاتقان تەقىپ ۋە بېسىملارنىڭ بىكار قىلىنىشىنى، ئىلھام توختى سەۋەبىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قاتارلىق كونكىرىت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەمما فرانسىيە پرېزىدېنتى ماكروننىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە بۇ مەسىلىلەرنى زادى قانچىلىك ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇنى بىلمەيمەن».
مەلۇمكى، ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 9 ئايدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. شۇندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى خەلقئارادىن ئۈزلۈكسىز مەخپى تۇتۇپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئۇنى يىلدا ئىككى قېتىم يوقلىسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما تۈرلۈك چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر ۋە ئىككى ئوغلى ئالدىنقى يىلى يەنى 2016-يىلى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئىلھام توختىنى ئاران بىرلا قېتىم تۈرمىگە بېرىپ يوقلىيالىغان. 2017- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىلىشىپ كەتكەن. بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، 2008-يىللىق ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى خۇ جىيا ئەپەندى ئىلگىرى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ 2017- يىلى يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر دىيارىغا قايتالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يىل يەنى 2018-يىلى خىتاينىڭ چاغان مەزگىلىدە بالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۈرمىدىكى ئىلھام توختىنى يوقلاپ كېلىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا تۈرمە دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى 16 ئايغىچە يوقلىسا بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.