كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى G - 20 باشلىقلىرىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى

0:00 / 0:00

ئامېرىكىنى بازا قىلغان «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى 15‏-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ 4- ۋە 5- سېنتەبىر خاڭجۇدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى ئەل رەھبەرلىرىنى خىتاينىڭ كۈنسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە كۆز يۇمماسلىققا چاقىردى.

مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئەگەر بۇ دۆلەتلەر «خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزسە ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بۇ مەزكۇر يىغىننىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىشىگە پايدىلىق» دېيىلگەن.

مەزكۇر بايانات خىتاي ئامانلىق دائىرىلىرى 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنى سەۋەبلىك خاڭجۇ شەھىرىدە پەۋقۇلئاددە ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ئالغان، بەزى تەدبىرلەر ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بەزى خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا خاڭجۇ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ھەر قايسى ئىدارە -جەمئىيەتلەرگە جىددىي ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلار بايقالغان ھامان شۇ يەردىكى يەرلىك ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىشنى، مەلۇم قىلغۇچىغا 500 سوم مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارالغان.

يەرلىك ساقچىلار بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزى خىتاي ئۆكتىچىلەر بۇ ئۇقتۇرۇشنى «خىتاي دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ بىر ئىپادىسى» دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، خاڭجۇ يىغىنىدا «كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ، چۈنكى «ئىقتىساد بىلەن كىشىلىك ھوقۇق زىچ باغلىنىشلىق» دەپ كۆرسەتتى.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغانسېرى، ئۇنىڭ ئەمگەك كۈچى قىممىتى شۇنىڭغا ماس ئېشىپ مېڭىشى كېرەك. ئەمگەك كۈچى ھازىرقىدەك ئۇنداق ئەرزان بولماسلىقى لازىم. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ بىر ئەۋزەللىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ مەقسەتلىك ئەمگەك كۈچى قىممىتىنى تۆۋەن تۇتۇپ كەلدى. تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە قارىسىڭىز، ئۇلاردا ئەمگەك كۈچلىرىگە مائاش، سۇغۇرتا قاتارلىق ھەر خىل ئىجتىمائىي ئىمتىيازلار بېرىلگەن.

بىراق خىتايدا بۇ نەرسىلەر يوق، بولسىمۇ ئۇنىڭ ھېچقانداق رولى يوق. شۇڭا، ئۇ بۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ھازىرقى يامان ئاقىۋەتنى پەيدا قىلدى. قىسقىسى، كىشىلىك ھوقۇق بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادى زىچ باغلىنىشلىق. شۇڭا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي ئىقتىسادى بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنى بىرلەشتۈرۈپ قارىشى ئىنتايىن مۇھىم ھەم ئىنتايىن زۆرۈر.»

لېكىن «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ناملىق گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خاڭجۇ يىغىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولسىمۇ، ئەمما ھازىرقى مۇقىمسىز ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا ئىشەنمەك بەك مۈشكۈل ئىكەن.

«خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» نىڭ ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلئىۇس، « مېنىڭچە بۇ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ياخشى پۇرسىتى. ئەمما بۇ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، خىتايغا ئېھتىياج تۇيۇۋاتقان مەزگىلدە، ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويۇشىغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيمەن» دېدى.

بىراق ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇش ئېھتىمالى زور بولمىسىمۇ، ئەمما پائالىيەتچىلەر خىتايغا بېسىم ئىشلىتىدىغان ھېچقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: « مېنىڭچە، مۇتلەق كۆپ قىسىم دۆلەتلەر خىتاينىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى رولىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. شۇڭا، مەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بۇ يىغىنغا چوڭ ئۈمىد باغلىمايمەن. بىراق، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ھېچقانداق دۆلەت خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى بەك خالىمايدۇ. چۈنكى، خىتاي مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي كۈچكە ئايلاندى. بۇ ھازىرقى بىز دۇچ كېلىۋاتقان بىر ئىختىلاپ. شۇڭا، پائالىيەتچىلەر ھەرقانداق پۇرسەتنى چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەك.»

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، « شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بوغۇش، ئۆكتىچىلەرنى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق دىنىي گۇرۇھلارنى باستۇرۇش، ئىچكى قانۇن، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىلىرىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقتەك ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە سىياسىتى خىتاينى دۇنيادا مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان، مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەتكە ئايلاندۇرمايدۇ. شۇڭا، يىغىنىدا بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەمما «بېيجىڭ باھارى» نىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشى ئۇنىڭغا ئادالەتسىز ئىقتىسادىي رىقابەت مۇھىتى يارىتىپ، چەتئەل مەبلىغىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىشنى كۈچەيتكەن. نەتىجىدە بۇ باشقا ئەللەرنىڭ ئىشلەپچىرىشىدىكى تۇرغۇنلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

خۇ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: « بىرىنچى، كىشىلىك ھوقۇق بىر ئۇنىۋېرسال مەسىلە بولۇپ، ئۇ باشقا ھەرقانداق مەسىلىگە چېتىلىدۇ. ئىككىنچى، خىتايغا نىسبەتەن، بولۇپمۇ خىتاي ئىقتىسادىغا نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئەھمىيىتى پەۋقۇلئاددە زور. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چىڭ خۇينىڭ ئېيتقىنىدەك، ئاتالمىش خىتاي تەرەققىيات شەكلى ياكى خىتاي تەرەققىيات ئۈستۈنلۈكى مۇتلەق كۆپ ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشىغا تايانغان.

بۇ ئەھۋال خىتايغا يەر شارى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رىقابىتىدە باشقا دۆلەتلەر ئېرىشەلمەيدىغان زور رىقابەت كۈچى ئاتا قىلدى. چۈنكى، خىتايدا ئەمگەك كۈچى بەك ئەرزان ئىدى. بۇ چەتئەل مەبلىغىنى خىتايغا جەلپ قىلىپ، باشقا دۆلەتلەردە ئىگىلىكنىڭ چېكىنىشى ۋە زو كۆلەملىك ئىشسىزلىق پەيدا قىلدى.»

«خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلار» تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك ۋە ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئوچۇق-ئاشكارا مۇھىت يارىتىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

سانائەتلەشكەن 20 دۆلەت گۇرۇھى 1999- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، رۇسىيە، تۈركىيە، گېرمانىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، بىرازىلىيە، خىتاي، مېكسىكا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، جەنۇبىي كورېيە، ئارگېنتىنا قاتارلىق 19 دۆلەتتىن تەركىب تاپقان. بۇ تەشكىلاتقا ۋە ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىمۇ قېتىلغان بولغاچقا 20 دۆلەت گۇرۇھى دەپ ئاتالغان.

مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى 2008- يىلىدىن بۇيان قەرەللىك ھالدا ئۇچرىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆتكەن يىلقىسى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.