ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى» دا گاز چىقىپ كېتىپ، بىرقانچە ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى تارقالغان ئىدى.
ئۆز ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەچكە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ئىدى.
ئارىدىن 4 ئايغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە، مەزكۇر ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارا بولدى. بۈگۈن ئاشۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر ئىشچى ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ ئائىلە - تاۋابىاتلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ جەرياندىكى تەپسىلاتلاردىن مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدا گاز چىقىپ كېتىپ 2 ئۇيغۇر ئىشچى ئۆلگەن.
ئۆلگەن ئىككى ئىشچىنىڭ بىرى مەرھۇم ئابدۇسالام مەمتىمىن بولۇپ، ئۇلار ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان ئورۇندا ئايلارچە ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ياللاپ ئىشلەتكۈچىلەر خېبېي ئۆلكىسىدىن چىقىپ، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىدا ئىش كۆتۈرە ئالغان خىتايلار ئىكەن. ئۇلار ئايلىقىغا ئىككى مىڭ يۋەن پۇل بېرىپ شۇ جايدىكى ئۇيغۇر ئىشچىلىرىنى ياللاپ ئىشلەتكەن. خەتىرى زور بولغان ئىش ئورنىغا ھېچقانداق بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرى ئورناتمىغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىاتلىرى شۇنچە ئىزدەپمۇ خىتاي خوجايىنلارنى تاپالمىغان. سۈرۈشتۈرۈش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ھەتتا ئىشخانىسىمۇ يوق ئىش كۆتۈرە ئالغۇچىلار ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىقىدىن پايدىللىنىپ، ئۇلارنى تۆۋەن ئىش ھەققى بىلەن ئىشلىتىپ كەلگەنلىكىنى بايقىغان.
ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىاتلىرى ئايلارچە دەۋا قىلىپمۇ تۆلەم ئالالمىغاچقا، مەرھۇم ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ مىيىتى 34 كۈن دەپنە قىلىنماي توڭلاتقۇدا تۇرۇپ قالغان.
ئاخىرىدا 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن شۇ يەردىكى ساقچى دائىرىلىرى چوڭ ۋەقە چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي خوجايىنلارغا بېسىم ئىشلەتكەن. نەتىجىدە خىتاي خوجايىنلار مەرھۇم ئابدۇسالام مەمتىمىننىڭ ئائىلىسىگە ئاران 580 مىڭ يۋەن تۆلەم بېرىپ ئىشنى بولدى قىلغان. ھاياتىدىن ئايرىلغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئىشچىنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم بېرىلگەن ياكى بېرىلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
0:00 / 0:00