«5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 5 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان تەسىرى زور بىر نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ نامايىشنى د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە يېتەكچىلىكى بىلەن باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى تەشكىللىگەن بولۇپ، نامايىشقا مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر، تۈرك جامائىتى قاتناشقاندىن تاشقىرى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، گېرمانىيە يېشىللار پارتىيەسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى قاتارلىق تەسىرى چوڭ بولغان بىر قىسىم پارتىيە ھەمدە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ گېرمانىيىدىكى رەھبەرلىرىمۇ قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ھەر يىلقىغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، گېرمانىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشچىلارغا شەھەرنىڭ ئەڭ قايناق كوچىلىرى ۋە بازارلىرىنى كېسىپ ئۆتۈش ئىجازىتىنى بەرگەن بولۇپ، سودا - سېتىق قاينايدىغان شەنبە كۈنىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنى مىڭلىغان ئامما كوچىلارنىڭ ئىككى قاسنىقىدا تۇرۇپ كۆزەتتى ۋە شوئار سادالىرىغا قۇلاق سالدى، تەشۋىقات ۋەرەقىلىرىنى ئوقۇدى، بۇندىن 5 يىل بۇرۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە زور بىر قەتلىئام ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدى.
نامايىشچىلار يۈزلەرچە كۆكبايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە تۈرلۈك لوزۇنكا، تەشۋىقات تاختىيى، تەشۋىقات ۋاراقچىلىرى ۋە خىتايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ۋە غايىبلارنىڭ رەسىملىرىنى بوينىدىن ئالدى - كەينىگە ئېسىۋېلىشقان بولۇپ، بولۇپمۇ نامايىشقا قاتناشقان يۈزلەرچە ئاياللار، بالىلارنىڭ شوئار سادالىرى گېرمان جامائىتىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بولسا بۇ خىلدىكى نامايىشلارنى تاكى خىتاي زۇلۇمدىن قۇتۇلمىغۇچە قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى، بۇ نامايىشلار يالغۇز ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللايدىغان دۇنيا جامائىتى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىش مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، بۇ نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر پۇرسىتى بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
نامايىش ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 دا باشلاندى.


د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ نامايىش پەيدا قىلغان تەسىرنىڭ ناھايىتى زور بولغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردىكى بۇ خىل كۈرەشلەرنىڭ تاكى شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولغانغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بۇ قېتىمقى نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.