د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈن 10-يانۋار كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۇيغۇر ئىلىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان.
ئۆتكەن بىر يىلدا ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بەرگەن كۆپلىگەن ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرىنى قىرغىن قىلىش ھەرىكەتلىرى دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇرۇلتاي رەھبەرلىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر پىدائىيلىرىغا قوللىنىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن 10-يانۋاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە نامايىش قىلىش، يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش شەكىللىرىدە زور كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغاشنى پىلانلىغان.
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا ئاز دېگەندە 300 دىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىشنى تەشكىللىگەن ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى بۇ توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى بۇ نامايىشنىڭ گېرمانىيە مۇخبىرلىرى، ساقچىلىرى ۋە خەلقىنىڭ كۆپ دىققىتىنى چەككەنلىكىنى بىلدۈردى.