ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ميۇنخېندا نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلار خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 10-دېكابىر كۈنى ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئىككى سائەت نامايىش ئېلىپ باردى.

گېرمانىيەدىكى بۇ نامايىشنى باش شتابى ميۇنخېن شەھىرىدە بولغان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ھەر يىلقىغا ئوخشاش بۇ قېتىمقى نامايىشقىمۇ كۆپ ساندا ئۇيغۇرلار قاتناشقانىدى. نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدىكى ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن سىرت، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرى تەلەپ قىلىنغان ۋىۋىسكا ۋە لوزۇنكىلار ئالاھىدە دىققەتنى چېكەتتى.

خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىنى، نامايىشچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە، گېرمانچە، خىتايچە تىللاردا توۋلىغان «يوقالسۇن خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى! يوقالسۇن شى جىنپىڭ! خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن! بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك!.. » دېگەندەك شوئارلىرى بىر ئالغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئامما قىزىقىش بىلەن كۆزەتمەكتە ئىدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىنى خاتىرىلەش نامايىشىنى باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، تاكى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىققا ئېرىشكىچە بۇ خىلدىكى نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

نامايىشقا ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ميۇنخېن شەھىرىدىكى ھەرساھە ئۇيغۇرلاردىن باشقا، د ئۇ ق نىڭ ميۇنخېندىكى رەھبەرلىرى ھەمدە گېرمانىيە ئۇيغۇر ئاياللار كومىتېتى خادىملىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتاي مەدەنىيەت-مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىمۇ بۇ نامايىش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. دۇنيادا خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى خاتىرىلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ خىتاي مۇستەبىتلىرىنىڭ شەپقەتسىز زۇلۇملىرى ئاستىدا خارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسلەتكەن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زۇلۇملاردىن قۇتۇلۇش يولىنىڭ پەقەتلا تېنىمسىز كۈرەش قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بۈگۈنكى نامايىش چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن تۆتكە قەدەر داۋام قىلدى. نامايىش جەريانىدا خىتاي زۇلۇمى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرى بايان قىلىنغان تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى ئەتراپتىكى ئاممىغا كۆپلەپ تارقىتىلدى. خىتاي كونسۇلخانىسى بولسا گېرمانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر رايونىغا يەرلەشكەن بولۇپ، بەزى گېرمانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەتراپتىكى كۆپلىگەن يەرلىك خەلق بۇ يەردە ھەر يىلى قانچە قېتىملاپ ئېلىپ بېرىلىدىغان نامايىشلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنى ياخشى چۈشىنىپلا قالماي، خىتاينىڭمۇ ماھىيىتىنى ياخشى تونۇپ يەتكەن.