گېرمانىيەدىكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى بېرلىندا نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇملارغا نىسبەتەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرىنى سەۋەب كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تۈركىيە بۇ مەسىلىنى كۆرمەسكە سېلىشقا مەجبۇر بولغانىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ بۇ خىل ئېھتىياتچالىقىغا پىسەنت قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمىنى تېخىمۇ چېكىدىن ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن تۈرك جەمئىيەتلىرى بۇ چىدىغۇسىز ئېغىر سۈكۈتىنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئاخىرى بۇزدى.

مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى بېرلىندىكى ئالپەرەن ئوجاقلىرى، بېرلىندىكى تۈرك جامائىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى قاتارلىق تەشكىلاتلار بېرلىندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشتا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا بولغان نارازىلىقلار بايان قىلىندى ۋە پۈتۈن دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي داۋاسىغا ياردەمچى بولۇشقا چاقىردى.

نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى تەشكىلات رەھبەرلىرى ئايرىم ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، 70 يىلدىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنىڭ ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ چېكىگە يەتكەنلىكىنى، لاگېرلاردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بېرلىندىكى تۈرك جامائىتىنىڭ مەسئۇلى سەلچۇك ئەپەندى ۋە بېرلىن ئالپئەرەن ئوجاقلىرىنىڭ مەسئۇلى ئالىشەن ئەپەندىلەر يەنە تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقى تەكىتلەپ، ئۇلارغا كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئۆزىگە كەلگەن زۇلۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈرك ۋە گېرمان تىللىرىدا قىلغان باياناتىدا تۈرك جەمئىيەتلىرىنىڭ قوللىشىغا ۋە بۈگۈنكى نامايىشقا قاتناشقۇچىلىرىغا بولغان مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن ئۇ گېرمان تىلىدا قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن بۇ يەرگە جەم بولۇپ، شەرقى تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىدا خورلىنىۋاتقان 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى، كۈنىمىزدە 3 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خىتاينىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىقىنىڭ قۇربانى بولىۋاتۇ. مىليونلىغان گۇناھسىز ئىنسانلار خىتاي تۈرمىلىرىدە چىدىغۇسىز زۇلۇمغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ. نەچچە مىڭلىغان ئىنسان بىگۇناھ تۇرۇقلۇق ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان خىتايدا يەنە نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەر داۋاملىق قولغا ئېلىنىۋاتىدۇ، ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىۋاتىدۇ…»

دولقۇن ئەيسا باياناتىنىڭ داۋامىدا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ ۋاقىتقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ زوراۋانلىقلارنىڭ چېن چۈنگو كەلگەندىن كېيىن ھەددىدىن زىيادە كۈچەيگەنلىكى ئەمىلى مىساللار ئارقىلىق بايان قىلدى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئەپەندى سۆز قىلىپ، 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادالەتسىز زۇلۇملىرىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن تېخىمۇ ئەسەبىيلەشكەنلىكى، ئايرىمىچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر ئېتنىك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە «خىتاينىڭ مەقسىتى 21-ئەسىردە خىتاينىڭ پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيانى قولغا كىرگۈزۈشتەك ياۋۇز نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا توسالغۇ دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىۋېتىشتۇر،» دېدى.

باياناتلاردىن كېيىن نامايىشقا قاتناشقۇچىلار يۇقىرى ئاۋازدا شوئار توۋلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ميۇنخېندىن كەلگەن ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشقان ۋە باشتىن-ئاخىر يامغۇرلۇق سوغۇق ھاۋادا ئېلىپ بېرىلغان بۇ نامايىش بىر سائەتتىن كۆپرەك داۋاملاشتى.

نامايىش ئاخىرىدا بىز سەلچۇك ئەپەندى بىلەن ئالىشەن ئەپەندىلەرنى ئايرىم ئايرىم زىيارەت قىلدۇق. بېرلىن تۈرك جامائىتىنىڭ مەسئۇلى سەلچۇك ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: «بۈگۈن شەرقى تۈركىستاندا مىللەتداشلىرىمىز ۋە دىنداشلىرىمىز دۇچ كەلگەن زۇلۇم، قىرغىنچىلىق ۋە ئىسكەنجىلەرنى ياۋروپاغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن بۇ نامايىشنى ئورۇنلاشتۇردۇق. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئالپئەرەنلەر بىرلىكى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى بىلەن بىرلىكتە ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ناھەقچىلىكلەرنى، زۇلۇمنى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتماقچى بولدۇق. مەقسىتىمىزمۇ شۇ ئىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۈرك، گېرمان ئاخبارات ئورۇنلىرىغا ئۇقتۇرۇش يوللىدۇق. ئۈمىد قىلىمىزكى (ئۇلار) خەۋەر تاپتى ۋە بۇندىن كېيىن خەۋەر تاپىدۇ.»

ئالپئەرەن ئوجاقلىرىنىڭ مەسئۇلى ئالىشەن ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش ئۈستىدە توختىلىپ، «خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زورلۇق-زومبۇلۇقلىرىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىمىزنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازابلىرىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق. مەقسىتىمىزنى ئېيتتۇق، خىتاينىڭ ئەمدى بۇ لاگېرلارنى بوشىتىشىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ ئۇ يەرلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدۇق،» دېدى.

شۇ كۈنى كەچ سائەت 7 دىن باشلاپ، بېرلىن ئالپئەرەن ئوجاقلىرى مەركىزىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە ياۋروپا شەرقى تۈركىستان بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى تۇرغۇنجان ئەپەندىلەر شەرقى تۈركىستاننىڭ كۈنىمىزدىكى سىياسىي ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىشتى. ئىككى سائەتكە سوزۇلغان ۋە 150 تىن كۆپرەك ئاڭلىغۇچى ئىشتىراك قىلىپ تولىمۇ ئىشتىياق بىلەن قۇلاق سالغان دوكلات ئاخىرىدا دولقۇن ئەيسا ۋە تۇرغۇنجان ئەپەندىلەر قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي ھاياتى ھەققىدە سورالغان ھەر خىل سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى پارتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى جەمئىيەتلىرىنىڭ بايانات ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. بولۇپمۇ كۈچلۈك پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسىنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ئەمەلىي قوللاشلىرىدىن مىننەتدار بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرىدا ئۇ يەنە بۇندىن كېيىن تۈرك قېرىنداشلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق دەۋاسىنى قوللاش ۋە ئىلھام بېرىش پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.