گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بېرلىندا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەرگەن ۋە ئۇلار بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆزلەشكەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ۋە نەشرىيات-تەشۋىقات كومىتېتى مۇدىرى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىلەرنىڭ 9-دېكابىر كۈنى بېرلىندىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى شىتراس ئەپەندى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىناسىدا قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ سۆھبەتكە باش شتابى گېرمانىيەدىكى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېليۇس ئەپەندىمۇ قاتناشقان.

د ئۇ ق خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تېما قىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى ئالدىنقى ھەپتىلەر خىتايغا بارغاندا خىتاي ۋەكىللىرى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ۋە بۇ سۆھبەتنىڭ مەزمۇنىنى بىلدۈرۈپ ئۆتكەن. ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن بىزنى خەۋەرلەندۈردى.

پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان ئىجابىي پوزىتسىيىسىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شىتراس ئەپەندى سۆھبەت ئەسناسىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى توغرىلىق سورىغان. ئۈمىد ئاگاھى جاۋاب بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى ئىستەكلىرى ھەققىدە توختالغان.

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا يەنە، ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتكەن. خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە ئەتراپلىق مەلۇمات بەرگەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان.