گېرمانىيە-خىتاي 11-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى 14 ۋە 15-ماي كۈنلىرى نىڭشا تۇڭگان ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىڭچۈەندە ئۆتكۈزۈلدى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىئالوگ باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىككى تەرەپنىڭ نۇقتىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالى، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى، تۇرمۇش شارائىتى، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇش، ئىقتىسادى كرىزىسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
دىئالوگ بۈگۈن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەھۋالىغا دائىر قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ باقمىدى. دىئالوگ خىتاي تەرەپنىڭ ئارزۇسى ياكى گېرمانىيىنىڭ تەلىپى بىلەن يىڭچۈەندە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تۇڭگانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يىڭچۈەنگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دىققەت قوزغىدى. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دىئالوگنى مەقسەتلىك يىڭچۈەنگە ئورۇنلاشتۇرغان.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى ماركۇس لۆنىڭ باشچىلىقىدىكى دىئالوگ ئۆمىكىنىڭ سۆھبەت ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭ، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەرنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ شەھەرلەردە دىنىي زاتلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دىئالوگ ھەققىدىكى باياناتىدا ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنى قوغداش، ياۋروپا پۇل-مۇئامىلە كرىزىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىدا دىئالوگ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەندەك تەسىرات پەيدا قىلىشقا تىرىشقانلىقى دىققەت قوزغىدى. خىتاي-گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىنىڭ ئۈنۈمى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ كەلگەن. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش زۆرۈر بولسىمۇ، بىراق نوقۇل دىئالوگنى قوغلىشىپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قارىماسلىق كېرەك. ئۇ، گېرمانىيىنىڭ پوزىتسىيىسى كەسكىن بولۇشى، سۆھبەتكە ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى قاتناشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ، خوتەن، قەشقەر، مارالبېشى، كورلا، قاغىلىق قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەردە قانلىق ۋەقەلەر يۈز بەرگەن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى ئۇيغۇرلارغا چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىش بىلەن تەنقىد قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن. 23-ئاپرېل مارالبېشىنىڭ سېرىقبۇيا يېزىسىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەدە 21 ئادەم ئۆلگەن.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق خادىملىرى سېرىقبۇيا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بارات ناۋاي ئائىلىسىگە يولسىزلىق بىلەن باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئائىلىدىكى ھىجاپلىق ئاياللارغا پاراكەندىچىلىك سالغان ۋە 21 ئادەم ئۆلگەن بۇ قانلىق ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا گېرمانىيە تەرەپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق سىياسىتىنى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىنىي باستۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىشى زۆرۈر.
ئۆتكەن يىلقى گېرمانىيە-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى گېرمانىيىنىڭ ۋېسبادېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. ۋېسبادېندىكى يىغىندا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات ئەھۋالى، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق، ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ۋېسبادېندىكى يىغىنغا گېرمانىيىدىكى سىگانلارنىڭ رەھبىرى رومانى رۇس قاتناشقان ئىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يىڭچۈەندىكى سۆھبەت چوڭقۇر، سەمىمىي ۋە ئىجابىي كەيپىيات ئىچىدە ئۆتتى، دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، گېرمانىيە دىئالوگ ئۆمىكىنىڭ يىڭچۈەندە مەسچىت، كارخانا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.