9-ئىيۇل كۈنى «گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى» گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە باشلاندى.
گېرمانىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسى تەشكىلاتلارغا ئوخشاشلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ مەزگىلدە نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ يوللاپ تەلەپ سۇنۇش، گېرمانىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارغا بايانات بېرىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق ئۆز پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرغانلىقى مەلۇم.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ باشچىلىقىدىكى ئۆمەك گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەن كۈنى گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئەپەندى ۋە ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى رەھبەرلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بو ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى مەزگىلىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە مەكتۇپ سۇنۇش، نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش، گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى «جازا لاگېرلىرى» غا قامالغانلىقى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي جەھەتتىكى باستۇرۇلۇش، مەدەنىيەت-ئېتىقاد جەھەتلەردىكى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىش، ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئەھۋاللىرى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ئۆزىنىڭ گېرمانىيە ئاگېنتلىقى، فرانكفۇرت كۈندىلىك گېزىتى قاتارلىق 5 چوڭ نوپۇزلۇق گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن، خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركۈملەپ «جازا لاگېرلىرىغا قامىلىش مەسىلىسى» ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە نۆۋەتتىكى بارغانچە يامانلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
دىلشات رىشىت ئەپەندى يەنە غەرب دۇنياسىدىكى ئامېرىكا، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلقئارا نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىشنىڭ ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
دىلشات رىشىت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ كەڭ دائىرىدە ئاڭلىتىلىپ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى، گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ۋە خىتايغا قاراتقان سىياسىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاشتا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.
دىلشات رىشىت ئەپەندى بايانىدا، خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مۇستەبىت سىياسىتىگە ئائىت سەلبىي خەۋەرلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشىدەك بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى ۋە زىيارەت مەزگىلىدە مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىتىنى ئاقلاشقا مەجبۇر قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات دىئالوگى باشلانغان كۈنىنىڭ ئۆزىدە يەنە، بۇلتۇر خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ بېيجىڭدا ئۈزلۈكسىز تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئايالى ليۇ شاغا ئەركىنلىك بېرىلىپ، «داۋالىنىش» نامىدا گېرمانىيەگە يېتىپ كەلگەن.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندى، بۇ خەۋەردىن سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇزۇن مەزگىل تەقىب ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ليۇ شانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىدىمۇ ئىلگىرىلەش بولۇشى مۇمكىن.
ئەنۋەرجان ئەپەندى بايانىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ گېرمانىيەگە كېلىش ھارپىسىدا يەنى ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نامىدىن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل خانىمغا مەكتۇپ يوللاپ خىتاي تەرەپ بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدىمۇ، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە داۋاملىق ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى، ھېچ بولمىسا ئىلھام توختىنى نۆۋەتتە جاز مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئۈرۈمچىدىن ئائىلىسى بار بېيجىڭ شەھىرىگە يۆتكەش مەسىلىسى قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش مەركەزلىرى نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىشتا، گېرمانىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورگانلىرى ھەم خەلقئارا تەشكىلاتلارغا تەلەپ سۇنۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.
ئەنۋەرجان ئەپەندى نوبېل مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ خانىمى ليۇ شانىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان چاقىرىق ۋە باياناتلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگەنلىكىنى نەقىل ئالدى.
خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبىتىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور ئىلھام توختى، ئادۋوكات ۋاڭ چۈەنجاڭ، تىبەت تىلىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغۇچى تاشقى ۋاكچۇك، خوڭكوڭدىن تۇتقۇن قىلىنغان شىۋېتسىيە پۇقراسى گۇي مىنخەي قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرى ۋە بۇلتۇر خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن نوبېل مۇكاپات ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنغان ئايالى ليۇ شاھ قاتارلىق 6 كىشىگە ئەركىنلىك بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
0:00 / 0:00