بېرلىندا لى كېچياڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2018.07.10
germaniye-li-kechang-namayish-1.jpg خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ باشلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتىن كۆرۈنۈش. 2018-يىلى 9-ئىيۇل، بېرلىن.
RFA/Ekrem

ئۇيغۇرلار خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنى كۈچلۈك نارازىلىق نامايىشى بىلەن كۈتۈۋالدى.

گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەمكارلىق دىئالوگى ئۈچۈن بېرلىنغا يېتىپ كەلگەن خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ باشلىق ۋەكىللەر ئۆمىكىگە قارشى 9-ئىيۇل كۈنى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا كۈچلۈك بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى نامايىشنى د ئۇ ق، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان ئىدى.

ئالايىتەن گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، كارلىسرۇھې ۋە باشقا شەھەرلەردىن كېچىلەپ 600 كىلومېتىر يول يۈرۈپ، بېرلىنغا جەم بولغان ئۇيغۇرلار بۇ يەردىكى قېرىنداشلىرى، خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە بىر قىسىم تىبەتلىكلەر بىلەن بىرلىكتە باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئالدىدا سەھەر سائەت 8:30 دىن چۈش سائەت 12:00 گىچە نامايىش ئېلىپ باردى.

نامايىش خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇسنىڭ كىرىش سۆزى بىلەن باشلاندى. ئۇ سۆزىدە، گېرمانىيە-خىتاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھېچ پايدىسى بولمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە خەلقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېغىر باستۇرۇشلارغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى تۇنجى بولۇپ سۆزگە تەكلىپ قىلىنغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسى ئۈستىدە نۇقتىلىق توختالدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇيغۇرلار نامايىش قىلىۋاتقان ئورۇن باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولۇپ، ئۇدۇل تەرەپتە 42 نەپەر خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى لى كېچياڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن چىققان ئىدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 140 تىن ئارتۇق ئىدى. «يوقالسۇن لى كېچياڭ! يوقالسۇن شى جىنپىڭ!، يوقالسۇن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى!» دېگەندەك شوئارلار خىتايلارنىڭ شوئارلىرىنى بېسىپ كەتتى. باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ سول تەرىپىدە يەنە فالۈنگۇڭچىلارمۇ نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، باش مىنىستىر مەھكىمىسى ئۈچ تەرەپتىكى نامايىشچىلار بىلەن قورشالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ جاراڭلىق شوئار سادالىرى باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

بىز نامايىش نەق مەيدانىدىن بەزى ئاكتىپلارنى زىيارەت قىلدۇق. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.

خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلىكلەر ۋە باشقا زۇلۇم ئاستىدىكى خەلقلەر مەسىلىسىنى خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر كۈن. خىتاينىڭ مۇھىم بىر ئادىمى بۇ يەرگە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دىئالوگى ئۈچۈن كەلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە بۇ خەلققە ئىگە چىقىشى لازىم. ئىقتىسادىي مەنپەئەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق ئاستى قىلماسلىقى كېرەك».

ميۇنخېندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى، نامايىشنىڭ ناھايىتى جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدىن ئەپەندىمۇ، بۇ قېتىمقى نامايىش ھەققىدە قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تىبەت تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن «تىبەت ياشلار ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسارىيەدىكى مەسئۇللىرىدىن مىگمار دولما خانىممۇ ئالايىتەن بۇ نامايىشقا كەلگەن بولۇپ، ئۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇر، تىبەت خەلقلىرىنىڭ بىر مۇشت بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئۈستىدىكى زۇلۇم تاغلىرىنى ئورتاق يىقىتىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز بۇيەردە تىبەتلىكلەر ھەمدە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار لى كېچياڭغا قارشى نامايىش قىلىۋاتىمىز. خىتاي ھاكىمىيىتى تىبەتلەر ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي دىئالوگ جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىۋاتىمىز. بىز ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر خىتايغا قارشى پائالىيەتلەردە زىچ ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلۇم تاغلىرىنى ئورتاق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يىقىتىشىمىز لازىم دەپ قارايمەن».

بىز خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركىل تەرىپىدىن ھەربىي پاراد بىلەن كۈتۈۋېلىنغان نەق مەيدانغا 60 مېتىرغىچە يېقىنلاشتۇق ۋە نەق مەيداننى سۈرەتكە ئېلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ جاراڭلىق شوئار سادالىرىنىڭ لى كېچياڭنىڭ قۇلىقىغا يېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق. ساقچىلارنىڭ توسالغۇسى بىلەن يەنىمۇ يېقىنلىشىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ دەل لى كېچياڭ بىلەن ئانگېلا مېركىل قىزىل گىلەم ئۈستىدىن ماڭغاندا كۈچلۈك شوئارلار بىلەن ئەتراپنى لەرزىگە سالغانلىقىغا گۇۋاھچى بولدۇق. ئۇيغۇرلارنىڭ مەقسەتلىرىنىڭ بىرىمۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ غەزەپ-نەپرەتلىرىنى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىغا ئاڭلىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.