ئۇيغۇر مەسىلىسى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.11.07
ulrix-delius-germaniye-uyghur-305.png خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى
Public Domain

گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئومۇمى مەجلىسى 9‏-نويابىر كۈنى يىغىن ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرىگە قويىدۇ.

بۇ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆزىنىڭ ئومۇمىي مەجلىسىدە مۇزاكىرىگە قويۇشىدۇر. مەزكۇر مەسىلە پارلامېنتتىكى يېشىللار پارتىيەسى، خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئوڭچە ۋە سولچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ بىردەك قوللىشى بىلەن پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئېلىنغان.

لېكىن گېرمانىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى رەسمىي مۇزاكىرىگە قويۇشنىڭ ئالدىدا يېشىللار پارتىيەسى ۋە خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى قاتارلىق پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ 10 نەچچە پارلامېنت ئەزاسى، 4 نەپەر پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى، لاگېرلار مەسىلىسى ۋە گېرمانىيەنىڭ قانداق قىلىشى كېرەكلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى دوكلاتى ھەم تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئالغان.

گېرمانىيە «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئئۇس گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى يىغىندا دوكلات بەرگەن شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلاردىن ھالقىغان ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق يىغىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى پائالىيەت كونسېرۋاتىپلار ۋە يېشىللار پارتىيەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. ناھايىتى ياخشى يىغىن بولدى. چۈنكى، بۇ يىغىننى پەقەت بىرلا سىياسىي پارتىيە ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەس. يىغىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك، ئىجابىي بولدى. يىغىنغا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكىلەر كېلىپ قاتناشتى. ناھايىتى مۇھىم بىر يىغىن بولدى، دېيىشكە بولىدۇ».

ئۇلرىخ دېلئۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئۇ رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا «لاگېرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەر ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈردۈم» دېدى.

ئۇلرىخ دېلئئۇس مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ دوكلاتىم بىر تەرەپتىن نۇقتىلىق ھالدا لاگېرلاردا نېمە ئىشلارنىڭ يۈزبېرىۋاتقانلىقىغا يىغىنچاقلاندى. مەن لاگېرلار پۈتۈن كۆرۈنۈشنىڭ پەقەت بىر پارچىسى ئىكەنلىكى، لاگېردىكىلەردىن باشقا يەنە بىر مىليون 300 مىڭ كىشىنىڭ كۈندىلىك ياكى كەچلىك قايتا-تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغانلىقى، بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق خەلقى ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم. مېنىڭ ئۇ يەردىكى ئەھۋالنى گېرمانىيەنىڭ بەزى رايونلىرىغا سېلىشتۇرۇشۇم ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلغاندەك بولدى. بىزنىڭ تۆۋەنكى ساكسونىيە ئۆلكىسىنىڭ 8 مىليون 200 مىڭ ئاھالىسى بار. بۇ گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ 10 دىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەن پارلامېنت ئەزالىرىغا تۆۋەنكى ساكسونىيەنىڭ پۈتۈن ئاھالىسى ئۇيغۇر رايونىدىكىدەك لاگېرلارغا قامالسا قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار، شۇنىڭدىلا شىنجاڭدا نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىلەر، دېدىم».

بۇ يىغىن پارلامېنتتىكى لىبېرال پارتىيە-يېشىللارنىڭ پارلامېنت ئەزاسى مارگارېت باۋزې خانىمنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا يەنە ئۇيغۇر پائالىيەتچى، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى، فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس، يازغۇچى مارىي خولزمەن خانىم، فىرانسىيەلىك سابىق دىپلومات جۇئان مەنۇئېل نادال لاپاز دوكلات بەرگەن.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، يىغىندا خىتاينىڭ ئەركىن دۇنياغا خىرىس قىلىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى غەربكە كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە ئۈندىگەن. ئۇ چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەن يىغىننىڭ بېشىدا سۆز ئېلىپ دېدىمكى، خىتاي دۆلىتى ئىنسان ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، دېموكراتلىشىدۇ، ئەركىنلىشىدۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىندى. ئارىدىن 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىلھام ئەپەندىدەك بىرى چىقىپ، تىنچلىق، ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن مەسىلىنى قانۇنلار ئاساسىدا ھەل قىلايلى، دېگەن تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن دۇنياغا كېڭىيىشكە، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئەركىن دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇنداق شارائىتتا گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىكى زۇلۇم ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى لايىق كۆردۇق، دەپ سۆز قىلدىم».

يىغىندا يەنە گېرمانىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى قانداق تەدبىرلەرنى ئېلىش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، پارلامېنت ئەزالىرى 9‏-نويابىردىكى ئومۇمىي پارلامېنت يىغىنىدا بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەنۋەرجان: «يىغىندا كونكرېت نېمە قىلالايمىز، نېمە قىلىش مۇمكىن، دېگەن سوئاللار چۈشتى. كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەسىلىسىدە بۇنى تەنقىد قىلىپ قويۇپلا قاراپ تۇرماستىن، بۇنىڭ ئاقىۋەتلىرىگىمۇ قارايدىغان، ماۋۇنى مۇنداق قىلمىساڭ، بىز مانى مۇنداق قىلىمىز، دېگەن يېڭى بىر يولغا كىرىشىمىز كېرەك. بولمىسا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاگاھلاندۇرۇشنى ئاڭلىمايدىكەن. شۇڭا، يېڭى يول ئىزدىشىمىز كېرەك ۋە بۇ مەسىلىنى ئۆگۈنلۈككە گېرمانىيە پارلامېنتىدا بولىدىغان ئومۇمى مۇھاكىمە يىغىنىدا بۇنى ئەتراپلىق كۆرۈپ چىقىمىز، تەكلىپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، دېگەن سۆزلىشىشلەر بولدى».

لېكىن، «تەھدىت ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» نىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلىئۇسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ خىتايغا قارشى بەزى كەسكىن جازالاش تەدبىرلىرىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى بەك چەكلىك ئىكەن. ئۇ گېرمانىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭكىگە ئوخشاش تايانغۇدەك بىر قانۇنى يوقلىغىنى بىلدۈردى.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئېمبارگو قويۇش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ بەك مۈشكۈل. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۈنۈگۈنكى يىغىنىدا بەزىلەر شىنجاڭنىڭ كومپارتىيە سېكرېتارى(چېن چۈەنگو) نى گېرمانىيەدە قارشى ئېلىنمايدىغان ئادەم، دەپ ئېلان قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق بۇ گېرمانىيەدە بەك مۈشكۈل. چۈنكى، ھازىرقى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى پارتىيە سېكرېتارىنىڭ شەخسىي قارارى بىلەن بولمايۋاتىدۇ. بەلكى، خىتاي رەھبەرلىكىنىڭ قارارى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى ئىجرا قىلىش باشقا بىر مەسىلە. چۈنكى، گېرمانىيەنىڭ ۋەزىيىتى ئامېرىكىغا ئوخشىمايدۇ. بىزنىڭ ئامېرىكىنىڭكىدەك ئۇنداق قىلىشقا تايانغۇدەك بىر قانۇنىمىز يوق.»

لېكىن دېلىئۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، گېرمانىيە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىرگە قارشى تۇرالايدىكەن. 7‏-نويابىر كۈنى ئەتىگەنلىك ناشتا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گېرمانىيە پارلامېنتىدىكى بۇ يىغىننىڭ بىر كۈن ئالدىدا گېرمانىيە ۋەكىلى خىتاينى ئۇيغۇر رايونىدىكى «قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىشقا، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك قاماشقا خاتىمە بېرىشقا چاقىرغان». گېرمانىيە ۋەكىلى بۇ سۆزنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 6‏-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى «قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش» يىغىنىدا تەكىتلىگەن.

مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق ئاز دېگەندە 16 دۆلەت خىتاينى تەنقىدلىگەن. لېكىن خىتاينىڭ ۋەكىلى يىغىندا تەنقىدلەرنى رەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كىشىلەرگە ئۇيغۇر رايونىدىكى تەربىيەلەش مەركەزلىرىدە «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا قارشى كەسپىي تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.