5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (31)

0:00 / 0:00

غايىپ بولغانلىقى رادىئومىز تەرىپىدىن ئەڭ يېقىندا بايقالغىنى ئابلىز قادىر. ئۇ 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ناۋايلىق قىلىۋاتقان دۇكىنىدىن 2 شاگىرتى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئابلىز قادىرنىڭ شاگىرتلىرى 6 ۋە 7 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن؛ ئەمما ئۇنىڭ ئىز - دېرىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. يۇرتى يەكەن گۇلباغدىن بولغان ئابلىز قادىرنى ئايالى ئامىنە خانىم 3 بالىسىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ 4 يىلدىن بېرى ئىزدەپ يۈرمەكتە. ئامىنە خانىم يەركەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە - ئورگانلاردىن ئېرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئالالمىغان. تۆۋەندە غايىپ ئابلىز قادىرنىڭ كىملىكى ۋە غايىپ بولۇش جەريانى ھەققىدە، ئۇنىڭ ئايالى ئامىنە خانىمنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.

بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز قادىر، يەركەن ناھىيىسىنىڭ گۈلباغ يېزا خېنىمئېرىق 4 - كەنت 2 - مەھەللىسىدىن. 1973 - يىلى يەكەندە تۇغۇلغان ئابلىز قادىر، 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئىش - ئوقەت بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ 2000 - يىلى ئۆيلىنىپ 3 بالىغا ئاتا بولغان. ئۇ 2009 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ئۆزى ئاچقان ناۋايخانىدىن ئىككى شاگىرتى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ شۇ يىلى 6 - ئايدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يەكەنگە كەتكەن ۋە 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. يەنى ئۇنىڭ 5 - ئىيۇل ۋەقەسى بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر كىملىكى 5 - ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا جىنايەت گۇماندارى سانىلىشقا يېتەرلىك سەۋەب بولغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز قادىر خىتاينىڭ ئۈرۈمچى سايباغ رايون ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان؛ ئۇ تۇتۇلۇپ دەسلەپكى 3 كۈندە ئىككى شاگىرتى بىلەن بىرلىكتە قامالغان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ 3 تۇتقۇن بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن. ئىككى شاگىرت، 6 ۋە 7 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن.

ئابلىز قادىرنىڭ ئايالى يولدىشىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىپ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى ساقچىخانىغا بارغىنىدا ساقچىلار ئۇنى تۇتۇپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قويۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان؛ ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلغان ۋە قويۇۋېتىلگىنىگە ئائىت ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەت كۆرسەتمىگەن. ئامىنەم مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلغاندا، تەھدىت سېلىنىپ ساقچىخانىدىن ھەيدىۋېتىلگەن. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز قادىرلار تۇتۇلۇپ 4 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىككى شاگىرتىنىڭ يەكەندىكى ئۆيىگە ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقى ھەققىدە ساقچىخانىدىن ئۇقتۇرۇش بارغان؛ ئەمما ئابلىز قادىرنىڭ ئۆيىگە ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش كەلمىگەن. ئابلىز قادىرنىڭ ئايالى ئۇ غايىپ بولۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە بىر يىلچە تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىينىلىپ يۇرتىغا قايتىشقا مەجبۇر بولغان. نۆۋەتتە ئۈرۈمچى ساقچىلىرى ئۇنى ئېرى ھەققىدە يەكەندىن مەلۇمات ئېلىشنى، يەكەندىكىلەر ئۈرۈمچىدىن مەلۇمات ئېلىشنى بۇيرۇپ مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىشمەكتە. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغىنى ئۈچۈن كىچىككىنە ئىقتىسادى ياردەمگىمۇ ئېرىشەلمىگەن ئامىنەم نۆۋەتتە ئىشسىزلىق ۋە يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىن 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە گاھىدا ئاچ،گاھىدا توق كۈن ئۆتكۈزمەكتە.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغانلار ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ 31 - قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.