«مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» دە ئۇيغۇر غايىبلار ئەسلەندى

0:00 / 0:00

2011-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ھەر يىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنىنى «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. بۇ كۈندە نورمال ھاياتلىق مۇھىتىدا ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا كۆزدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ھەمدە مەجبۇرىي يوسۇندا يوق قىلىۋېتىلگەن بىر قىسىم خەلقلەر ۋە كىشىلەر مەخسۇس ئەسلىنىدۇ. ب د ت نىڭ ئالاقىدار مەسىلىلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، مەجبۇرىي غايىبلىق يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلە بولۇپ، ئىزچىل ئوخشىمىغان ئىرق، دىن ۋە سىياسىي مەۋقەگە مەنسۇپ كىشىلەرنى نىشان قىلىپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي غايىبلىق ئايرىم شەخسلەرنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى، جۈملىدىن سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماستىن، يەنە شۇ مىللەت ياكى جەمئىيەتكە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ھاياتىغا ئېغىر بېسىم پەيدا قىلىپ كەلمەكتە. ب د ت ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئىزچىل بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆز ئەندىشىلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى خەلقئارانىڭ دىققىتىگە سۇنۇش ھەمدە تېگىشلىك ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىشقا كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.

ئەنە شۇ خىل مەقسەتلەردە 30-ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «دۆلەتلىك ئاخبارات كۇلۇبى» دا 2018-يىللىق «مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەنلەر خەلقئارا خاتىرە كۈنى» پائالىيىتى تەشكىللەندى. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرى بولغان «سىندنى قۇتقۇزۇش» تەشكىلاتىنىڭ خادىملىرىدىن سۈفى لاغارى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ ب د ت نىڭ مەزكۇر پائالىيىتىنىڭ دۇنياۋى مەسىلە سۈپىتىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئاسىيا رايونىدا تولىمۇ ئېغىر بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى خادىمى ت. كۇمار ئەپەندىمۇ سۆز ئېلىپ، نۆۋەتتە بىر قىسىم ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇشۇ خىل مەجبۇرىي غايىبلىقنى ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسى قىلىۋالغانلىقى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقانلاردىن ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خادىمى نىكول مورگېرتقا سۆز نۆۋىتى كەلگەندە ئۇ ھازىر مەجبۇرىي غايىبلىق قۇربانلىرىنىڭ پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا ھازىر مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېر شەكلىنى ئالغان «ئۆگىنىش مەركەزلىرى» گە قامالغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ئەھۋالدا مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ ئىنچىكە تەبىرلىرىنى دىققەتكە ئالغىنىمىزدا ئۇنىڭ خاراكتېرى ۋە ئالاھىدىلىكى تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقان بۇ لاگېرلارغا بەكمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. خىتاينىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدا، بولۇپمۇ يېڭىدىن تۈزۈلگەن ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى› دا ‹تېررور گۇماندارى› بولغان كىشىلەرنى 15 كۈن تۇتۇپ تۇرۇش ھەققىدە بەلگىلىمە بار. ئەمما ھازىر شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ لاگېرلارغا مۇشۇنداق گۇمان بىلەن سولانغان بۇ كىشىلەر ئاي-ئايلاپ، ھەتتا يىللاپ قاماقتىن بوشىتىلماستىن، تۇرمۇش شارائىتىدىن ئېغىز ئېچىش ئىمكانىيىتى بولمىغان، قىستاڭچىلىققا گەپ توغرا كەلمەيدىغان كامېرلاردا كۈن ئۆتكۈزمەكتە. ئۇلار بۇ جايلاردا ئەڭ ئەقەللىي ھەقلىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ، (خىتاي رەئىسى) شى جىنپىڭغا مەدھىيە ئوقۇش، ئۆزىنى تەنقىدلەش، تونۇش-بىلىشلىرىنىڭ ‹سىياسىي مەسىلىلىرىنى پاش قىلىش› بىلەن مەشغۇل بولماقتا. بۇ جايدىن قويۇپ بېرىلگەن كىشىلەر يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا بۇنىڭدىنمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى ئاشۇنداق ئاز ساندىكى گۇۋاھچىلار تەمىن ئەتتى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋالنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. جەنۋەدىكى ب د ت يىغىنىدىمۇ خىتاي بۇ لاگېرلارنى ئىنكار قىلىپ، ‹بىز تېخنىكا مەكتەپلىرى ئېچىپ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ھۆنەرلىك قىلىپ قويايلى، دەۋاتىمىز› دېدى. نۆۋەتتە دۇنيا بۇ مەسىلىلەرگە ئۇنچە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرمىدى. خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان پاكىستانمۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغاندىمۇ بۇ مەسىلىنى خەلقئاراغا داۋا قىلمىدى. شۇڭا ھازىر بۇ ۋەزىپىنىڭ بىر قىسمى بىزگە ئوخشاش پۇقراۋى تەشكىلاتلارنىڭ زىممىسىگە چۈشمەكتە. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى خەلقئارادا تېخىمۇ كۈچلۈك تەكىتلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىمىز لازىم.»

يىغىندا يەنە پاكىستاندىكى سىند رايونىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ۋەكىللىرى، تۈركىيەدىكى كۇردىستان مىللەتچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، تىبەت ھەرىكىتىنىڭ خادىملىرى قاتارلىقلارمۇ سۆز قىلىپ ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن مەلۇماتلار بەردى. يىغىن ئارىلىقىدا بىز تىبەتلەرگە ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان «خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى» نىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى بۇچۇڭ سېرېڭنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن ھازىر مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرى خىتايدا كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە قارىغاندا پەرقلىق قانداق ئەھۋاللارنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ خىتايدىكى مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ خىتايلار ۋە باشقا خىتاي بولمىغان مىللەتلەردە ئوخشىمىغان سەۋىيەدە مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىدى.

«ھازىر بىز بەختكە قارشى ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشقا قارار ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. تارىخىي نۇقتىدىن ئالغاندا ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر ئۆتمۈشتە ئۆز چېگرالىرىدا ئىزچىل دوستانە مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. بۇ ھال نۆۋەتتىكى مۇھاجىرلىق ھاياتىمىزدىمۇ ئوخشاش داۋام قىلىپ كەلمەكتە: ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ھەرقاچان بىرلىكتە ئىش كۆرۈپ، ئوخشاش رەقىبكە قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىككە ئىگە مىللىي ئالاھىدىلىكىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە تەھدىت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا بىزنى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى، دەپ قاراۋاتقانلىقى ئۈچۈن ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ئوخشاش ئۇسۇلدا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ. بۇ بولسا ھازىر مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ يېڭى شەكىللىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىغا تۇتۇۋاتقان مۇئامىلىسى بىلەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇۋاتىدۇ. تىبەتلەرنىڭ تەلىيىگە ئۇلارنىڭ دالاي لاماغا ئوخشاش تىنچلىقپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىگە يولباشچىلىق قىلغۇچى داھىلىرى بار. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرچە بۇنداق بىر يۈكسەك نوپۇزغا ئېگە داھىيسى يوق. يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا مۇشۇنداق كۈنلەر كېلىۋاتقاندا دۇنيادىكى ئىسلام دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىدا ئۇلارغا ھەمدەم بولۇشى لازىم ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەلەستىن دۆلىتىنى قوللىيالىغان يەردە نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى قوللاشقا ئاجىز كېلىدۇ؟»

يىغىن ئاخىرىدا بىز بۇ قېتىمقى مۇھاكىمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرگۈچى نىكول مورگېرتنى زىيارەت قىلدۇق. بىز ئۇنىڭدىن نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرى شىددەت بىلەن زورىيىۋاتقان بولسىمۇ، خەلقئارانىڭ بۇ مەسىلىگە ئۇنچە كۈچلۈك دىققەت بېرەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنى سورىدۇق. ئۇنىڭ پىكرىچە، بۇنىڭدىكى كۆپ خىل سەۋەبلەرنىڭ بىرى خەلقئارا جامائەت ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان رېئاللىق ھەققىدە سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئېگە ئەمەسلىكى ئىكەن.

«يەنە كېلىپ غەرب دۆلەتلىرى ۋە بىر قىسىم مۇسۇلمان مەملىكەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندا زادى نېمىلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە سىستېمىلىق مەلۇماتلارغا ئېگە ئەمەس. چۈنكى بۇ جايدىكى ۋەزىيەت يېقىندىن بۇيان بىردىنلا يامانلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلا كىشىلەر بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئۇلار كۆپ نەرسە بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتىنى مۇشۇ يوسۇندا قورقماي تۇرۇپ مەجبۇرىي غايىبلىقنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. يەنە بىر ياقتىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقانداق بىرەر دۆلەت خىتاينى بۇ جەھەتتە سوتلاپ باقمىغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر گۆرۈگە ئېلىنغاننىڭ ئورنىدا مۇشۇ خىلدىكى قانۇنسىز لاگېرلارغا قامالماقتا، بىر قىسىم چەتئەل مەملىكەتلىرىمۇ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ خىتايدا مۇشۇ خىلدىكى قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشىگە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خەلقئارا جامائەتنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنى ۋە شەخسىي تەشكىلاتلارنى بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشىمىز، ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ھالنىڭ ماھىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغانلىقىغا ئۇلارنى ئىشەندۈرۈشىمىز لازىم.»

مەلۇم بولۇشىچە، مەجبۇرىي غايىبلىق نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئۆكتىچىلەرنى ۋە ھاكىمىيەتكە تەھدىت، دەپ قارالغان كىشىلەرنى يوقىتىشىدىكى بىر مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ، خەلقئارادىكى بارغانسېرى زور دىققەت قوزغاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا ئىكەن.