ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

تۈنۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا بويىچە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى ھەققىدە يىغىن ئېچىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن ئۆمەر قانات تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. ئۆمەر قانات يىغىندا ئۇيغۇر غايىبلار ھەققىدە ئومۇمى مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ئىماممەت ئېلى، ئالىم روزى ۋە نەبىجان ئېلى قاتارلىق 3 نەپەر غايىبنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان. ئۆمەر قانات يىغىندا غايىبلارنىڭ رەسىملىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ چىقىش بىلەن بىرلىكتە، غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يىغىن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان؛ يىغىنغا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمى خىتاي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان. يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قاناتقا يېرىم سائەتلىك سۆز پۇرسىتى بېرىلگەن.

ئۆمەر قانات ئۇيغۇر غايىبلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىنى ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان. ئۇ سۆزىدە، ئەڭ بولمىدى دېگەندە غايىبلارنىڭ ئۇچۇرىنى يەنى ۋاپات بولغان بولسا ئۆلۈم سەۋەبى، تىرىك بولسا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورنى ھەققىدە خىتاي تەرەپتىن مەلۇمات ئېلىپ بېرىشنى ۋە مەلۇماتلارنى غايىبلار ئائىلىسى ۋە دۇنيا جامائىتىگە ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلدى.

يىغىن قاتناشقۇچىلىرىدىن ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ۋەكىلى، ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسىنى بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي بىلەن ئۆتكۈزىدىغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرگەن.