غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 3 كىشى فىرانسىيەلىك ئىككى مۇخبىر بىلەن ئۈرۈمچىدە مېھمانخانىدا كۆرۈشتى

0:00 / 0:00

بۇندىن بىرقانچە ئاي ئاۋۋال فىرانسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە مۇخبىرى قەشقەرگە بېرىپ غايىب ئەيساجان مەمەتنىڭ ئانىسى تۇرسۇنگۈل خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە نەق مەيدانغا بېسىپ كەلگەن ساقچىلار ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ئىدى.

نەتىجىدە مەزكۇر مۇخبىرنىڭ غايىب ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئانىسى پاتىگۈل غۇلام بىلەن كۆرۈشۈش پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. بۇ قېتىم فىرانسىيەنىڭ لى موندى گېزىتىنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى ئۈرۈمچىگە كېلىپ پاتىگۈل غۇلام، ھېلاجى، قۇربانگۈل قاتارلىق غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ قېتىمقى سۆھبەتمۇ 20 گە يېقىن ساقچىنىڭ مېھمانخانىغا بېسىپ كىرىشى بىلەن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، شۇ ئارىلىقتا مەزكۇر ئائىلىلەر ئۆز ئەھۋاللىرىنى فىرانسىيە مۇخبىرلىرىغا بىلدۈرۈۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مەزكۇر كۆرۈشۈش ۋە ئۇنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر.