«ئىنسانىيەتكە قارىتا ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەر» ماۋزۇلۇق يىغىندا مۇھىم تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى

0:00 / 0:00

14-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە گېرمانىيەدە چاقىرىلغان خەلقئارالىق يىغىن قاتناشچىلىرى ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغان ۋە سوتسىز ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېمىلەرنى قىلىش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كەلدى.

ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئاۋسترالىيە، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تۈركىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتىن كەلگەن 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشقان، چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن بولۇپ 13 كىشى دوكلات بەرگەن يىغىن 16-ئاپرېل كۈنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

يىغىندا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلار توغرىسىدا ماتېرىيال توپلاش، داۋاملىق ھالدا ئۇلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، بۇلار توغرىسىدا ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۇنياغا تارقىتىش شۇنداقلا بۇلار توغرىسىدا ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى ھەر خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىغا سۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەم پىكىر بولدى.

يىغىن توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان د ئۇ ق نىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.