5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىق خاتىرە كۈنى يېقىنلاشماقتا؛ ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل غايىبلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى يەنىلا سىر تۇتماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ غايىبلار ھەققىدىكى يېقىنقى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، غايىب نىجات قۇرباننىڭ شىسەن تۈرمىسىدە ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە ئائىت تاسادىپىي ئاشكارىلانغان، ئەمما تېخى ئىسپاتلانمىغان ئۆلۈم خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرى، شىسەن تۈرمىسىدە ئىشلەيدىغان بىر خادىم، ئاتۇش ئىشتاچىلىق 22 ياشلىق بىر بالىنىڭ تۈرمىدە ھەقسىز ھالدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىر يېقىن دوستىغا ھەسرەتلەنگەن ھالدا بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئۇ يېقىن دوستى بۇ ئەھۋالنى ئۈرۈمچىدە تونۇشلار ئارا بىر سورۇندا ئېيتىپ بەرگەن. بۇ سورۇندا دەل شۇ ئاتۇش ئىشتاچىدىن غايىب ئوغلى نىجاتنى ئىزدەپ كەلگەن قۇربانئاخۇن ئاكىمۇ بار بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئورنىدىن قوپۇپ كەتكەن ۋە ئۈرۈمچىدىن يېنىپ كەلگەن. شۇم خەۋەرنىڭ زەربىسىدىن شۇ كۈنى نېمە قىلارىنى بىلەلمىگەن قۇربانئاخۇن ئاكا، 5 كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتا يولغا چىققان، ئەمما يۇقىرىقى شۇم خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە تا ھازىرغىچە دائىرىلەردىن رەسمىي ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق، بۇ ئەھۋالنى غايىب نىجات قۇرباننىڭ دادىسىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.