5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار (32)

0:00 / 0:00

مەلۇم بولۇشىچە، ئەنۋەر تۇردى ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ ئايباغ يېزا تۆۋەن كەلپىن كەنتىدىن. ئەينى چاغدا ئۈرۈمچىدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاكا-ئۇكىلاردىن ئەنۋەر تۇردى بىلەن ئىمىن تۇردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 6- ۋە 7-ئىيۇل كۈنلىرى تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىمىن تۇردى تۇتۇلۇپ 1 ھەپتىدىن كېيىن ئاقسۇ ئاۋاتقا يۆتكەلگەن؛ 4 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئاۋاتتىكى دائىرىلەر ئىمىن تۇردىنى ئائىلىسىگە تاپشۇرغان كۈنى ئەنۋەر تۇردى ئازراق بىر ئىشلارنى كۆرۈپ قالغان بولغاچقا ئۈرۈمچىدە قالغانلىقىنى، يەنە 8-9 ئايلاردىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاۋاتتىكى دائىرىلەر ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە قىلغان سۆزلىرىدىن تامامەن تېنىۋېلىپ، ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئىز-دېرىكىنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ بىلەن ئەنۋەر تۇردى ئائىلىسى ئارىدىن 3 يېرىم يىل ئۆتكەندە يەنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى ئەنۋەر تۇردىنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىگە بارغان. ساقچى ئىدارىسى بولسا، ئەنۋەر تۇردىنىڭ غايىبلىقىدىن ئەمدىلا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتىپ بۇنىڭدىن كېيىن سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە بۇ ئائىلە سىرلىق گەپ قىلىپ ئۆزلىرىنى ئالدىغان ياكى ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ناھىيە ۋە ۋىلايەتتىكى دائىرىلەر بىلەن غەۋغالاشماقتا.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنۋەر تۇردىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەخمەت تۇردىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەنۋەر تۇردى 2009-يىلى 26 ياش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتى ئۇ تۇتۇلۇپ 5 ئايدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ 3 يېرىم ۋە يەتتە ياشلىق ئىككى بالىسى نۆۋەتتە ئاتىسىنىڭ قولىدا بېقىلماقتا. ئەنۋەر تۇردىنىڭ يولىنى كۆپ ماڭغان ۋە ھېچ نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ئانىسى 6 ئاينىڭ ئالدىدا 54 يېشىدا دەرد بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. ئەنۋەر تۇردىنىڭ ئائىلىسىگە مەلۇم ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرى 7-ئىيۇل كۈنى سائەت 11 مەزگىلىدە تېلېفون ئارقىلىق مۇنداق بولغان «ئاپا، ئىككى كۈندىن بېرى بىزنىڭ بۇ مېھمانخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۇتۇپ ئاچىقىپ كېتىپ بولدى، 5-6 مىز قالغانتۇق، يەنە ساقچىلار چارلاشقا كەلدى، بىزنىمۇ تۇتۇپ كېتىپ قالسا، خوش ئەمىسە، ئەندىشە قىلماڭ، گۇناھىمىز بولمىغاندىكىن قويۇپ بېرەر.»

مەلۇم بولۇشىچە، 5-ئىيۇل كۈنى بىر قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن ئىشتىن قايتقان چېغىدا بۇلاقبېشى(سەنشىخاڭزا)دىكى ياتىقىغا قاراپ ماڭغاندا يوللار توسۇلۇپ كېتىپ ياتىقىغا قايتالمىغان ۋە دوقمۇشتىكى بىر ئاشخانىدا تاڭ ئاتقۇزغان. تاڭ ئاتقاندا يۆجىڭگەي كوچىسىدىكى ياتىقىغا بېرىپ، چۈش مەزگىلىدە ئەنۋەر تۇردى چوڭ بازاردا ماشىنىچىلىق قىلىۋاتقان ئايالىغا تاماق ئاپىرىپ كەلگىنىدە ئىنىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئۇققان، ئەتىسى بولسا ئۆزى تۇتۇپ كېتىلگەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، 5-ئىيۇلدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار ناملىق چاتما خەۋىرىمىزنىڭ 32-قىسمىنى ئاڭلىدىڭلار.